|
6–ئىيۇلدىن 7–ئىيۇلغىچە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىرتقا يۈزلەنگەن دېھقانچىلىق تەرەققىياتى سۆھبەت يىغىنى تاشقورغاندا چاقىرىلدى . ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى ، ئورمانچىلىق نازارىتى ، مالىيە نازارىتى ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر قايسى ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەرلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ، مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى .
سۆھبەت يىغىنىدا ، دۆلەت يىزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى خەلقئارا ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى لۇ شياۋپىڭ نۆۋەتتىكى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى يىزا ئىگىلىك ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ، شىنجاڭ سىرتقا يۈزلەنگەن دېھقانچىلىق تەرەققىياتىنى قانداق قىلىپ تەرەققى قىلدۇرۇش توغرىسىدا پىكىر–تەكلىپلەرنى بەردى . يىغىنغا قاتناشقان نازارەت ، ئىدارىلەر ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر قايسى ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەرلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ئۆز–ئارا پىكىر ئالماشتۇردى .
|