|
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2007–يىلىدىكى نوپۇس ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، 2007–يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دائىمىي نوپۇسى 20 مىليون 951 مىڭ 900 غا يەتكەن . ئاشقەن نوپۇس 451 مىڭ 900 غا يېتىپ ، ئېشىشى نىسبىتى %2.2 بولغان .
2007–يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇغۇلۇش نىسبىتى %16.79 ، ئۆلۈش نىسبىتى %5.01 ، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى %11.78 بولغان . ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر–بازارلار داۋاملىق كېڭەيگەن ، شەھەرلىشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تىزلەشكەن . 2007–يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر–بازارلىرىدا ئولتۇراقلاشقانلار 8 مىليون 202 مىڭ 700 گە يېتىپ ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %39.15 ىنى ئىگىلىگەن . شەھەر–بازارلارنىڭ كۆپەيگەن نوپۇسى 425 مىڭغا يېتىپ ، %5.46 ئاشقان . نوپۇسنىڭ جىنس تەركىبى نوپۇسنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى . ئادەتتە جنىس نىسبىتى 103–107 ئارىلىقىدا بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ . سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ، ئاپتونوم رايونىمىز نوپۇسىنىڭ جنىس تەركىبى مۇۋاپىق ئىكەن . 2007–يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەرلەرنىڭ سانى 10 مىليون 725 مىڭ 300 گە يېتىپ ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %51.19 ىنى ئىگىلىگەن ؛ ئاياللارنىڭ سانى 10 مىليون 226 مىڭ 600 گە يېتىپ ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %48.81 ىنى ئىگىلىگەن .
|