|
ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى ئۆلچەملىك ئوت – چۆپ، يەم – خەشەك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، ئەنئەنىۋىي چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى مۇھىم كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
چارۋىچىلار سۇ، ئوت – چۆپ ئەھۋالىغا قاراپ ئولتۇراقلىشىدۇ، تۆت پەسىلدە كۆچۈپ يۈرۈشتەك ئەنئەنىۋىي ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلى دەل ئەنئەنىۋىي يايلاق چارۋىچىلىقىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى، شۇنداقلا، ئۇزاققىچە يايلاق چارۋىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق توسالغۇ ھېسابلىنىدۇ. يېتەرلىك يۇقىرى ئۆلچەملىك يەم –خەشەك، ئوت – چۆپ بازىسى بولمىغاچقا، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەقىقىي مەنىدىكى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان ئاھالىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %40 كە يەتمەيدۇ. شۇڭا، ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قوغدالما خاراكتېرلىك 10 مىليون مو ئەلا سۈپەتلىك ئوتلاق بەرپا قىلىشنى، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش خاراكتېرلىك 10 مىليون مو ئوت – چۆپ، يەم – خەشەك يېرى بەرپا قىلىشنى، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئېچىش خاراكتېرلىك 10 مىليون مو سۈنئىي ئوتلاق بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز يەرلەرنى رەتلەش تۈرىدە ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئاساسىي ئېتىزلار ئاساسلىقى ئوت - چۆپ تېرىشقا ئىشلىتلىدۇ، يېڭىدىن ئېچىلغان يەرلەرنىڭ 60 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى يەم – خەشەك، ئوت – چۆپ ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىدۇ.
|