باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياش ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەشنى باشلاش مۇراسىمى ۋە يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەر ۋاستىچىلىرىنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2008- 07- 10 16:24 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياش ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى باشقا جايلارغا يۆتكەشنى باشلاش مۇراسىمى ۋە يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەر ۋاستىچىلىرىنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش كېڭىشىش يىغىنى 8 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلدى.

     باشلاش مۇراسىمىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ياش ئېشىنچا ئەمگەكچىلەر ۋاستىچىلىرى ۋە ئەمگەكچى ئەۋەتىش شىركەتلىرى بىلەن ئىشچى ئىشلىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى ھەمدە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياش ئېشىنچا ئەمگەكچىلەر ۋاستىچىلىرى قىسقا ئۇچۇر سۇپىسى ئېچىلىپ، ئىشچى ئىشلىتىش ئۇچۇرلىرىنى ياش ئېشىنچا ئەمگەكچىلەر ۋاستىچىلىرىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن قولايلىق يارىتىلدى.

     ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ياشلىرىدىن 283 مىڭنى باشقا جايغا يۆتكەپ، كىشى بېشىغا ئاشقان كىرىمنى 1650 يۈەنگە يەتكۈزگەن بولۇپ، بۇ يىل 1– ئايدىن 5 – ئايغىچە، يېزىلاردىكى ياش ئېشىنچا ئەمگەكچىلەردىن 250 مىڭدىن كۆپرەكى يۆتكەلگەن. ئۇلارنىڭ كىشى بېشىغا ئاشقان كىرىمى 1 مىڭ 850 يۈەنگە يېتىشى مۇمكىن.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ