باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش سىستېمىسى ماي باھاسى تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقىتىشقا باشلىدى
2008- 07- 10 16:20 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     8 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش سىستېمىسىنىڭ ئۆستۈرۈلگەن تەييار ماي باھاسىغا مالىيىدىن تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقىتىش مۇراسىمىدا، ئۈرۈمچى مىچۈەن – دۇڭشەن رايونى‹‹يۇدې››ترانسپورت شىركىتىنىڭ تاكسى شوپۇرى ۋاڭ فۇچياڭ خۇشال ھالدا 4 مىڭ 920 يۈەن ماي باھاسى تولۇقلىما ياردەم پۇلى تاپشۇرۇپ ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ماي باھاسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر كۈنى 20 يۈەندىن كۆپرەك ماي ھەققى چىقىم قىلىشىمغا توغرا كېلەتتى. ھۆكۈمەتنىڭ ماي باھاسى تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى ۋاقتىدا تارقىتىشى جىددىي قىيىنچىلىقىمنى ھەقىقىي ھەل قىلىشىمغا ياردەم بەردى.

     ئىگىلىنىشىچە،  25 – ئىيۇلدىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش سىستېمىسى 206 مىليون 300 يۈەن ماي باھاسى تولۇقلىما ياردەم پۇلىنىڭ ھەممىسىنى قاتناش ترانسپورت تىجارەتچىلىرىنىڭ قوللىرىغا تارقىتىپ بېرىدىكەن، بۇ دۆلەتنىڭ بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا يولۇچىلار ترانسپورتى، تاكسى ۋە شەھەر ئاممىۋىي قاتناش قوراللىرىنىڭ ماي باھاسى تارقاتقان تولۇقلىما ياردەم ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ 64 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە، بۇ قېتىمقى قاتناش تارماقلىرىنىڭ تولۇقلىما ياردەم مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئاپتوموبىللار، يېزا يولۇچىلار ترانسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ھەر بىرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 8 مىڭ 445 يۈەن تولۇقلىما ياردەم پۇلى، تاكسىلارنىڭ ھەر بىرىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4 مىڭ 920 يۈەن تولۇقلىما ياردەم پۇلى، شەھەر ئاممىۋىي قاتنىشىدىكى ھەر بىر ئاپتوموبىلغا 2 مىڭ 130 يۈەن تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن.

     ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى گاۋ جياڭخۇەي تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقىتىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلاردىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى مەبلىغىنى بەلگىلگەن مۇددەت ئىچىدە تىجارەتچىلەرنىڭ قوللىرىغا تولۇق تارقىتىشى، ساختا دوكلات قىلىش، كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، يېزا تاشيول يولۇچىلار ترانسپورتى، تاكسى، شەھەر ئاممىۋىي قاتناش قۇراللىرىنىڭ كىرا ھەققىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ بارلىق تاشيول ترانسپورت تىجارەتچىلىرى تەييار ماي باھاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە مالىيىدىن تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تولۇق چۈشىنىشى، تەييار ماي باھاسىنى ئۆستۈرۈشتىن كېلىپ چىققان ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشى، كارخانىلارنىڭ تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت تەننەرخىنى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى، ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىمىلارنى ئازايتىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئەلا سۈپەتلىك ترانسپورت مۇلازىملىقى بىلەن داۋاملىق تەمىنلىشى كېرەك.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ