|
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلاملاردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇشى قەدىمىنىڭ تېزلىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا – بازار ۋە مەھەللىلەرنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇشى يېڭى تارىخىي باسقۇچقا قەدەم قويدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 99 ناھىيە، شەھەر، رايوندىكى %90تىن ئارتۇق يېزا- بازاردا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى. يېزا- بازار ۋە مەھەللىلەرنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇشى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.
ئۈرۈمچى، قاراماي قاتارلىق جايلاردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى كوچا ۋە مەھەللىلەرگىچە كېڭەيتىلدى. ئاقسۇ، ئىلى قاتارلىق جايلاردا كەنت دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بارلىققا كەلدى. يېزا – بازار ۋە مەھەللىلەردىكى نۇرغۇن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى دىھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىغا كىرگۈزدى. بۇلاردىن باشقا، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بازاردا ئۇيۇشما قۇرۇش، بىنالاردا ئۇيۇشما قۇرۇش، باغچىلاشقان سانائەت رايونلىرىدا ئۇيۇشما قۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئەڭ زور دائىرىدە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى ھەقىقىي تۈردە قوغدىدى.
بۇلتۇرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرى ئومۇمىي سانى 2 مىليون 840 مىڭغا يېتىپ، 2006 – يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 200 نەچچە مىڭ ئادەم ئاشتى. خۇسۇسىي كارخانىلاردا قۇرۇلغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ سانى 12 مىڭدىن كۆپرەككە يەتتى.
|