باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 10- قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى باشلاندى
2008- 07- 10 15:57 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 10–قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 9 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن داغدۇغىلىق باشلاندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېىتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

     بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى— ئۆتكەن 5 يىلدىن بۇيانقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشما خىزمىتىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ۋە خۇلاسىلەش؛ بۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىللىق نىشان – ۋەزىپىلەرنى بېكىتىش؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى سايلاپ چىقىشتىن ئىبارەت.

     ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، ياڭ گاڭ، فۇ چياڭ، خەن يۇڭ، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، بەي جىجې، ئەركىنجان تۇراخۇن، ئەركىن تۇنىياز، مەمەتجان ئەمەت، جەي شياۋخېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

     جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى چياۋ چۈەنشيۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى فۇ چياڭ يىغىندا تەبرىك سۆزى قىلدى. فۇ چياڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ 5 يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئامما ۋەزىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، مەۋقەنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا پائال ئاتلىنىپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشقا تىرىشىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيىسى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشى؛ ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنىڭ قانۇن بويىچە دېمۇكىراتىك سايلام ئۆتكۈزۈش، دىمۇكىراتىك سىياسەت بەلگىلەش، دېمۇكىراتىك باشقۇرۇش، دېمۇكىراتىك نازارەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئارقىلىق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىشى؛ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇمىيۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.››

     يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئەركىنجان تۇراخۇن ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەتلەردىن دوكلات بەردى.

 

 

 

 

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ