باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ئىران ھۇجۇمغا ئۇچرىسا نېفىتنىڭ باھاسى تېخىمۇ ئۆرلەيدۇ
2008- 07- 10 12:15 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ئىران نېفىت مىنىستىرى غۇلام ھۈسەيىن مۇنداق دېدى : ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى توسماقچى بولغان ھەر قايداق ھەربىي ھەرىكەت نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

     ئىران نېفىت مىنىستىرلىكىنىڭ تور بېكىتى يېقىندا غۇلام ھۈسەيىننىڭ گېپىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى : نېفىتنىڭ باھاسى يەنە 10 دىن 15 ئامېرىكا دوللىرىغىچە ئۆرلەيدۇ ، دېيىلىۋاتقان پەيتتە ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس ، شۇنداق بولسا نېفىتنىڭ باھاسى مۆلچەرلىگۈسىز ئۆرلەپ كېتىدۇ .

     ئىراننىڭ يادرو پىلانى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان . ئىران تىنىچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يادرو پىلانىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكتىن ، كىشلەر ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى توختىتىش ئۈچۈن قورال ئىشلىتىشى مۇمكىن ، دەپ پەرەز قىلغان .

     ئىران فراس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە ،  ئىران قوراللىق كۈچى باش شىتابىنىڭ باشلىقى ھەسەن مۇنداق دېگەن : ئراننىڭ مەنپەئىتى تەھدىتكە ئۇچرىسا ، ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى تاقايدۇ .

شىنخۇا ئاگېنتلىقى

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ