باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
چەت ئەللەردىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ مائارىپىغا ياردەم بەرمەكتە
2008- 07- 10 11:56 تەڭرىتاغ تورى

         ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەبەيدۇللا مۇھەممەتنىياز خەۋىرى : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە مۇھاجىرلار ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئالاقىلىشىشى ۋە ۋاستىچىلىكى ئارقىسىدا ، چەت ئەللەردىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ ، ئۆزلىرىنىڭ چېگرا رايونغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. 

       بايىنغولىن ئوبلاستى ئاپتونوم رايونلۇق مۇھاجىرلار ئىشخانىسى ئارقىلىق ‹‹شياڭگاڭ سەنيۈەن فوندى جەمئىيىتى›› ئىئانە قىلغان 200 مىڭ يۈەننى قولغا كەلتۈرۈپ ، كورلا شەھەرلىك 7–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مىللىي بۆلۈمىدە ‹‹مۇھاجىرلار قەلبى باشلانغۇچ مەكتىپى›› نى قۇردى . سىنگاپوردىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى چاقىلىق ناھىيىسىگە مەبلەغ ئىئانە قىلىپ ، ‹‹مۇھاجىرلار قەلبى باشلانغۇچ مەكتىپى›› نى قۇردى ؛ يېڭى زىللاندىيىدىكى بىر جۇڭگولۇق مۇھاجىر چاقىلىق ناھىيىسىگە 5000 يۈەن ئىئانە قىلىپ ، نامرات ، قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلدى ؛ شياڭگاڭلىق بىر پېنسىيۇنېر خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ كۈنەس يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە بۇ مەكتەپتىكى قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارغا 40 مىڭ يۈەن شياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلدى ؛ ئامېرىكىنىڭ ماسساجوس شىتاتى تەبىئىي پەنلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ داۋالاش مەركىزىدىكى يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىلمىي دوكتورى بايىنغولىن ئوبلاستىغا كېلىپ ، تۇغقان يوقلاش ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغان مەزگىلىدە ، كورلا شەھەرلىك 4–باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارغا 3000 يۈەن ئىئانە قىلغان .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ