|
334مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ، خوتەن بىلەن كۇچا ئارىلىقىدىكى دۆلەت يولى 217–لىنىيىسىدىكى كۇچا–شايار ئۇزارتىلغان لىنىيىسى يېقىندا پۈتۈپ رەسمى تۇتاشتۇرۇلدى .
دۆلەت يولى 217–لىنىيىسىدىكى كۇچا–شايار ئۇزارتىلغان لىنىيە قۇرۇلۇش تۈرى 2006–يىلى 7–ئايدا باشلانغان بولۇپ ، بۇ يىل 30–ئىيۇندا يول يۈزى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن . بۇ ئۇزارتىلغان لىنىيىنىڭ پۈتىشى ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى ئىقتىساد بەلبىغى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۇچا ، شايار ، ئالار ، خوتەن قاتارلىق تۆت شەھەرنى تۇتاشتۇرۇپ ، بۇ لىنىيەگە غايەت زور ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ھاسىل قىلىدۇ.
|