باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئىقتىساد قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان
2008- 07- 09 15:20 شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى

      ‹‹ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى›› تور بېكىتىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە ، ئوباما بىلەن ماك كاين ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرە ‹‹ئىقتىساد›› مەسلىسىگە مەركەزلەشكەن .

      خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : ماك كاين مۇشۇ ھەپتىدە ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشنى ؛ ئوباما نامراتلارنىڭ ئىقتىسادى ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەشۋىق قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان .

    ئىگىلىنىشچە ، ماك كاين 7 – ئىيۇل كولورادو شىتاتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە ئوبامانىڭ باج كۆپەيتىش تەشەببۇسى ئىقتىساد ۋە ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشكە زىيانلىق دېگەن ھەمدە 2013 – يىلغىچە فېدېراتسىيىنىڭ مالىيە كىرىمى ۋە چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان .

       ئوباما شىمالىي كارولىنا شىتاتىدا ئىقتىسادىي سىياسىتى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىگەن . ئوبامانىڭ سايلام كوللېكتىپى مۇنداق دېدى : ماك كايننىڭ ئوبامانىڭ باج سىياسىتى توغرىسىدا سۆزلىگەنلىرى توغرا ئەمەس ، ئوباما بايلاردىن ئالىدىغان باجنى كۆپەيتىپ ، نامراتلارغا ياردەم قىلماقچى ، ماك كاين ئىقتىسادنى چۈشەنمەيدۇ .

     ئىككىلەمچى قەرز ۋە نېفىت باھاسىنىڭ تەسىرى بىلەن ، ‹‹ئىقتىساد›› ئامېرىكا سايلىمىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان . ئوباما بىلەن ماك كاين ئوتتۇرىغا قويغان ئىقتىساد تەشەببۇسىنىڭ ئوخشاشلىقىمۇ ، پەرقىمۇ بار . ئۇلار ئوتتۇرىسىكى ئەڭ چوڭ ئىختىلاپ باج ، سودا ۋە داۋالاش . ھەر ئىككىسى ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش ، قۇياش ئېنېرگىيىسى قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيىنى كۆپلەپ ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلغان .

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ