|
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش بىلەن روسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېف ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش پىلانى مەسلىدە بىرلىك ھاسىل قىلالمىغان بولسىمۇ ، بۇش مېدۋېدېفنى گېپىدە تۇرىدىغان ‹‹ئەقىللىق ئادەم›› دېگەن .
بۇش مۇنداق دېدى : ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا مەلۇم ئىختىلاپ بولسىمۇ ، يەنە بەزى تەرەپتە بىرلىك ھاسىل قىلالايمىز . ئۇنىڭ ئىنتايىن ‹‹ئەقىللىق ئادەم›› ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم .
يەتتە يىل ئىلگىرى بۇش پۇتىن بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە پۇتىننىڭ كۆزىدىن ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ، ئۇ ئىشەنچلىق ئادەم ، دېگەنىدى . يەتتە يىلدىن كېيىن بۇش يەنە مۇنداق دېدى : مەن ئۇنى پىسخىكا جەھەتتىن تەھلىل قىلمايمەن ، ئۇ ئۆزىگە ئىشىنىدىكەن .
شۇ كۈنى رېيتىر ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى : بۇش بىلەن مېدۋېدېف كۆرۈشكەندىن كېيىن ، ئىككىلىسى ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى مۇناسىۋەتنى تەكىتلەشكە ئورۇندى . مېدۋېدېف بۇشنىڭ ئىسمىنى بىۋاستە ئاتىدى ، بۇش مېدۋېدېفنى ‹‹ئەقىللىق ئادەم››دېدى .
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
|