باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
‹‹ئۈرۈمچى يېمەك–ئىچمەك مۇلازىمىتى كەسپىي جەمئىيىتى›› قۇرۇلدى
2008- 07- 09 12:59 تەڭرىتاغ تورى

       8–ئىيۇل ، ‹‹خوڭفۇ›› مېھمانسارىيى ،‹‹خەيدې مېھمانسارىيى›› ، ‹‹كۈمۈش ئاستانە›› مېھمانسارىيى ، ‹‹شىلەيدېڭ›› مېھمانسارىيى قاتارلىق 99 دىن ئارتۇق يېمەك–ئىچمەك كەسپىي ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ‹‹ئۈرۈمچى يېمەك–ئىچمەك مۇلازىمىتى كەسپىي جەمئىيىتى›› قۇرۇلدى .

      تونۇشتۇرۇلىشىچە ، ‹‹ئۈرۈمچى يېمەك–ئىچمەك مۇلازىمىتى كەسپىي جەمئىيىتى›› — ئاساسلىقى يېمەك–ئىچمەك تىجارىتى ، يېمەك–ئىچمەك مۇلازىمىتى ، يېمەك–ئىچمەك مەدەنىيەت تەتقىقاتى ، يېمەك–ئىچمەك تەربىيىسى ، ئاشپەزلىك ۋە يېمەكلىك ، ئوزۇقلۇق تەتقىقاتى ھەمدە يېمەك–ئىچمەك ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىدىغان كارخانا ، كەسپىي ئورۇنلار ، كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر ئىختىيارىي قاتناشقان كەسپىي ئۇيۇشما ئىكەن .

      نۆۋەتتە ، بۇ جەمئىيەتكە 99 كوللېكتىپ ئەزادىن باشقا يەنە ، 186 نەپەر شەخس ئەزا بار ئىكەن .

    2007–يىلى مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە يېمەك–ئىچمەك ئىستېمالى 5 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا بولغان بولۇپ ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرا–يۇقىرى سەۋىيىسىدە تۇرىدىكەن .        

 

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ