|
ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن–بايلىقى نازارىتى تۈنۈگۈن (8–ئىيۇل )ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كان بايلىقىغا دائىر قانۇن–بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان دېلولارنى تۇنجى قېتىم ئاشكارە ئېلان قىلىپ ، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن- دۇڭسەن يېڭى رايونى لۇساۋگۇدا يۈز بەرگەن 12– مارت ئوغرىلىقچە كۆمۈر كولاش دېلوسى ، ئۈرۈمچى شەھىرى چىڭشىن لۇڭكې چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىجازەتنامە ئالماي تۇرۇپ ، كۆمۈر كولاش دىلوسى قاتارلىق بەش دېلونى ئېلان قىلدى.
بۇ بەش دېلو ئاپتونوم رايونىمىز كان بايلىقلىرىنى ئېچىش ، تەرتىپكە سېلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان تاللاپ چىقىلغان تىپىك دېلولار بولۇپ ، ئايرىم–ئايرىم ھالدا : ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن– دۇڭسەن يېڭى رايونى لۇساۋگۇدا يۈز بەرگەن 12- مارت ئوغرىلىقچە كۆمۈر كولاش دېلوسى ؛ ئۈرۈمچى شەھىرى چىڭشىن لۇڭكې چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىجازەتنامە ئالماي تۇرۇپ ، كۆمۈر كولاش دېلوسى؛ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيىسىدىكى بىر قىسىم كۆمۈر كانلىرىنىڭ يەر يۈزىدىكى كۆمۈرنى ئۆز ئالدىغا كولاش دېلوسى؛ ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيىسىدىكى كۆكتال فۇگۈي قوغۇشۇن ، سىنىك كېنىنىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى قانۇنسىز ھۆددىگە بېرىش ، دائىرە ھالقىپ كان قېزىش دېلوسى ؛ قەشقەر ۋىلايەتلىك جەنۇپ-–شىمال كانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر تەرەپتىن قېدىرىپ تەكشۈرۈش ، بىر تەرەپتىن قېزىش دېلوسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
|