|
.دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى 8 – ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى:‹‹ھەر قايسى دۆلەتلەر يەر شارى خاراكتىرلىك سودا قورۇقچىلىقىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش دولقۇنىنى توسۇشى ھەمدە دۇنيا سودا تەشكىلاتى دوھا سۆھبىتى توغرىسىدا تەڭپۇڭ ھالەتتىكى كېلىشىم ئىمزالىشى كېرەك›› .
·ياۋرۇپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى باروزو 8 – ئىيۇل مۇنداق دېدى: ‹‹ 8 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى 2050– يىلىدىن ئىلگىرى، پارنىك ئېففىكىيتى پەيدا قىلىدىغان گازلارنى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئاز دىگەندىمۇ %50 ئازايتىشتىن ئىبارەت ئۇزاق مۇددەتلىك نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە كونكرېت بولغان ئوتتۇرا مەزگىللىك نىشان تەسىس قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلدى›› .
·ئىران ئاخبارات تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 8 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ دېڭىز ئارمىيە قىسمى ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسمى پارس قولتۇقى رايونىدا ھەربىي مانۋىر ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان.
·ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى 8 – ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ شۇ كۈنى ، ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىر ئاپتوموبىل ئەترىتى ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان موسسول شەھىرىگە يېقىن جايدا كېتىۋاتقاندا، يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچرىدى. پارتلاشتا 4 قۇرۇلۇش ھۆددىگىرىقازا قىلدى ، 8 ئادەم يارىلاندى›› .
. مالايسىيا زۇڭلىسى باداۋى 8 – ئىيۇل دۇنيادىكى ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش دۆلەتلىرىنى مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا چاقىردى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قەرەللىك مال بازىرىنى قايتا تەشكىللەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق نېفىت باھاسى تېز ئۆرلەشتىن كېلىپ چىققان بېسىمنى يىنىكلىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.
.8دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى 8 – ئىيۇل خەلقئارا بازاردىكى نېفىت باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلەپ كېتىشىگە يۈكسەك دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ھەر قايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنى كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىپ، نېفىت باھاسىنىڭ تېز ئۆرلىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا چاقىردى .
|