|
نېفىت باھاسى تېز ئۆرلىمەكتە، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆز–چۆچەكلەرمۇ بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. ئۇنداقتا بۇ ئىككى جەھەتتە باغلىنىش بارمۇ يوق؟ ئەلۋەتتە باغلىنىش بار. يېقىندىكى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەش جەريانىدا، لىۋىيىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ئاگاھلاندۇرۇشى قاتارلىق ئامىللاردىن سىرت، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ ئىرانغا تۇتقان قاتتىق پوزىتسىيىسىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار سۆز– چۆچەكلەر ھالقىلىق رول ئوينىدى. بۇمۇ بىر قىسىم كۈزەتكۈچىلەردە نېفىت باھاسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىشىگە قارىتا ئۈمىدسىز كەيپىياتنى پەيدا قىلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە، ئىران ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەت پەسەيمىسە، نېفىتنىڭ باھاسى يەنە تەسىرگە ئۇچىراپ، باشقا ئامىللارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن داۋاملىق ئۆرلەيدىكەن.
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى، ‹‹ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى›› قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدە، بۇش ھۆكۈمىتى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئىرانغا قارىتا ھەرىكەت قوللىنىشى مۈمكىن دېيىلگەن. بۇ توغرىسىدىكى خەۋەرلەر:‹‹ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراندىكى ھەربىي پائالىيىتىنى زور كۆلەمدە كېڭەيتىشنى قارار قىلدى؛ ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستان چېگرىسىغا يىغىلدى؛ دۆلەت مەجلىسى 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىرانغا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ بېرىشقا ئىشلىتىش فوندىنى تەستىقلىدى›› دېگەنلەردىن ئىبارەت. ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاشكارىلىغان خەۋەرلەرگە قارىتا، بۇش ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن، ئەمما كىشىنى ئويلاندۇرىدىغىنى، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى لېككېر لوك يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئىراق ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئىران بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇمۇ ھالقىلىق مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. ئىراقنىڭ ئىستىقبالىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىران قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى بولمىسا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشى تەس. بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپ سورۇنلاردا، ئاق ساراينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئىران—ئىراقتا ‹‹ئىجابى، مەسئۇلىيەتچانلىق رولى›› نى جارى قىلدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەمدە ‹‹ئىراننىڭ ئۆتۈپ كەتكەن بىر قانچە يىلدا ئافغانىستان ئىشلىرىغا ئارىلىشىش جەريانىدا ئىجابى رول ئوينىغانلىقىنى›› ئېتىرا قىلغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ ئافغانىستاندىكىگە ئوخشاش، ئىراقنى قايتا قۇرۇشتىمى ئىجابى رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بولسا، ئامېرىكا ئىراقتا چوڭقۇر پاتقاققا پېتىپ قالدى، ئەگەر ئىرانغا قارىسىغا قورال كۈچى ئىشلەتسە ياكى باشقا ئۇسۇلدا بۇ رايوننىڭ جىددىي ۋەىزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۋەتسە، ئىراق ئۇرۇشىنى ئاياقلاشتۇرۇش تەسكە توختايدۇ. ھالبۇكى بىر رايوندا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى مەيدان ئۇرۇش قوزغىسا ھازىرقى ئامېرىكا ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، شۈبھىسىزكى نورمىدىن ھالقىغان ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىرانغا قول سېلىشقا تەييارلىنىش، ئۆز نۆۋىتىدە نېفىت بازىرىنىڭ داۋالغۇشىنى كەسكىنلەشتۈرۋېتىدۇ، بۇ، ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ناچارلىشىشقا يۈزلەنگەن ئامېرىكا ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش. كىشىلەر كۆرۈۋاتقىنىدەك، نېفىت باھاسىنىڭ ھەر قېتىملىق ئۆرلىشى، ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، نېفىت باھاسىنىڭ ئىزچىل يۇقىرى بولۇشى، پۇل پاخاللىقىنىڭ بېسىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ تەسىر يەتكۈزمەكتە.
بۇش ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئوباما — ئىرانغا كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىشىتا چوقۇم ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئامىل. ئوباما ئىران بىلەن سۆزلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ خىلارىنى يېڭىشىدىكى مۇھىم ئامىل. ھالبۇكى ئوبامانىڭ ئاق سارايغا كىرىش ئۈمىدى زور بولۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، بۇش ھۆكۈمىتى ئىرانغا زەربە بەرسە، كېيىنكى ۋەزىپە ئۆتكۈزۋالغۇچىغا جۇلۇقى چىقىپ كەتكەن تەنزىنى قالدۇرغان بولىدۇ، بۇ سىياسىي جەھەتتە ئەقىلغا سىغمايدىغان ئىش.
روسىيە —ئامېرىكىنىڭ بېشى ئاغرىيدىغان يەنە بىر ئامىل. ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، ئامېرىكا –روسىيە مۇناسىۋىتى روسىيىنىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك خىرسقا دۇچ كېلىدۇ. روسىيىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىران مەسىلىسىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى، رۇسىيىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدىكەن، مەيلى ئۇرۇش باشلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ھەربىي ۋە تېررۇرلۇق تەھدىتى بولسۇن، ياكى ئامېرىكىنىڭ ئىراننى ئىگىلىشى ۋە كونترول قىلىشى بولسۇن، ھەممىسى رۇسىيىلىكلەر قوبۇل قىلالمايدىغان ۋەزىيەت. بىخەتەرلىكنى ئويلاشقان ئاساستا، رۇسىيە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئىراننىڭمۇ ئىراققا ئوخشاش ئەھۋالغا قېلىشىدىن ساقلىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، چۈنكى نىمىلا دېگەن بىلەن ئىران ھەربىي، سىياسىي ۋە ئېنېرگىيە جەھەتتە رۇسىيىنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى.
ئىرانمۇ بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراق ئۇرۇشى، نېفىت باھاسى، سايلام، خەلق رايى ۋە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى قاتارلىق جەھەتلەردە دۇچ كېلىۋاتقان بېسىمىنى تونۇپ يەتكەنلىكتىن، ئىزچىل تىز پۈكمىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تارقىلىشىغا قارىتا، ئىران ھەربىي تەرەپ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى. ئىران ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچى قىسىمىنىڭ قوماندانى جافارى: ئەگەر ئىسرائىلىيە ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىدىغان بولسا، ئىسلام دۇنياسى بولۇپمۇ ئۆز رايونىدىكى شىئە مەزھىپىدىكىلەر ئىسرائىلىيەگە ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ، ئىسرائىلىيىنىڭ ئىراننىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك، دېدى.
ئامېرىكىدىكى پايچىكلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى پاي بازىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى كۈزىتىدىغان بارومېترغا ئايلىنىپ قالغان. ئامېرىكا–ئىسرائىلىيە ئىزچىل ئىرانغا بېسىم ئىشلەتسە، نېفىت باھاسى داۋاملىق ئۆرلەپ، چۈشمەيدۇ، پاي چېكى بازىرىمۇ تۆۋەن نۇقتىدا تەۋرىنىش ھالىتىدىن ساقلىنالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە ئىككىلەمچى قەرزنىڭ تەسىرى تۈگىمىدى. ئەمەلىيەتتە، كاپىتال بازىرىنىڭ نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسگە ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىش مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىدۇر.
|