باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
مېكسىكىلىقلار يېشىللىق ئارقىلىق چېگرىدا تىنچلىق كەيپىياتىنى بەرپا قىلماقچى
2008- 07- 09 11:36 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     مېكسىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا بىر تۈرلۈك مۇھىم قارار چىقىرىپ، 520 كىلومېتىر كېلىدىغان مېكسىكا – ئامېرىكا چېگرا لىنىيىسىدە 400 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىش ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ، ئامېرىكا – مېكسىكا چېگرىسىغا پاسىل تام قۇرغانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈرمەكچى بولدى.

     ئامېرىكا–مېكسىكا چېگرا لىنىيىسى دۇنيادىكى‹‹ئەڭ داڭلىق ›› چېگرا  لىنىيىلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى كۆپلىگەن مېكسىكىلىقلار ئۆلۈم خەۋىپىگە قارىماي بۇ ھايات–مامات لىنىيىسىدىن قانۇنسىز ئۆتىدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2000–يىلىدىن بۇيان، ھەر يىل تەخمىنەن 850 مىڭ قانۇنسىز كۆچمەن ئامېرىكىغا كىرگەن بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە مېكسىكىلىقلار %56 تىنى ئىگەللىگەن . بۇنىڭدىن سىرت، چېگرا ھالقىغان زەھەر ئەتكەسچىلىكىمۇ مېكسىكا – ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ بېشىنى ئاغىرىتىدىغان مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. مېكسىكىلىق يازغۇچى كارلوس فۇنتېس ئىلگىرى ھەسرەتلەنگەن ھالدا، بىچارە مېكسىكا، جەننەتتىن بەك يىراق، ئەمما ئامېرىكىغا بەك يېقىن، دېگەن ئىدى.

      چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشنى چەكلەش، ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2006– يىلى قانۇن لايىھىسى ماقۇللاپ، مېكسىكا–ئامېرىكا چېگرا لىنىيىسىدە پاسىل تام قۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ مېكسىكا تەرەپنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. ھازىر، تېكساس شىتاتىدىكى مېكسىكا – ئامېرىكا چېگرا رايونىدا، ئامېرىكا بايرىقى قادالغان نەچچە بۆلەك ‹‹پاسىل تام›› بەرپا قىلىندى. بەزىلىرى سىم توساق، بەزىلىرى توك توسۇق بولۇپ، يەر شارائىتىغا ئاساسەن ياسالغان، ئېگىزلىكى 2 مېتردىن 5 مېتىرغىچە كېلىدۇ.

     ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ پاسىل تاملىرىنىڭ رولىمۇ ئۇنچە چوڭ ئەمەس. بىر قىسىم قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئالدىنى ھېچنەرسە توسۇپ قالالمايدۇ. ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر قۇملۇق، سازلىق ۋە جىددىي دەريا ئېقىنى قاتارلىق تېخىمۇ خەتەرلىك يوللار ئارقىلىق ئامېرىكىغا بېرىش يولىنى تاللاشقا باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن ھەر يىل نەچچە يۈز ئادەم قانۇنسىز چېگرىدىن ئۆتۈش جەريانىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ.

      مېكسىكىلىقلارنىڭ 400 مىڭ كۆچەتنى مېكسىكا –ئامېرىكا چېگرىسىغا تىكمەكچى بولۇشى، بەلكىم ھاياتلىقنىڭ سىموۋولى بولغان يېشىللىق ئارقىلىق مېكسىكا–ئامېرىكا چېگرىسىغا بىر ئاز تىنچلىق كەيپىياتى ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت بولۇشى مۈمكىن. يېشىل تام قۇرۇش، بىر تەرەپتىن پاسىل تام ئېلىپ كەلگەن ‹‹ھاقارەت ۋە ئۆچمەنلىك›› كە قارشىلىق بىلدۈرۈش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مېكسىكىلىقلارنىڭ قەلبىدە يۇرت–ماكانىغا بولغان گۈزەل ئېتىقادىنى ئويغىتىشنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت.      

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ