باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
پۇل پاخاللىقىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ
2008- 07- 09 11:33 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     پۇل پاخاللىقى ئەرۋاھقا ئوخشاش دۇنيانى قاپلىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر، نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ پۇل پاخاللىقى سەۋىيىسىدە رېكورت يارىتىلدى. سىنگاپوردا پۇل پاخاللىقى 25 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى؛ سەئۇدى ئەرەبىستاندا پۇل پاخاللىقى 16 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى؛ شۋېتسارىيىدە پۇل پاخاللىقى 14 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى. ئامېرىكىنىڭ 5–ئايدىكى ئىستېمال مال باھاسى كۆرسەتكۈچى ئۇدا 3 ئاي زور نىسبەتتە ئېشىپ %3.8 كە يېتىپ، 17 يىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى شەكىللەندۈردى ؛ ۋېتنامنىڭ 5–ئايدىكى ئىستېمال مال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش نىسبىتى تېز سۈئەتتە ئېشىپ %25.2 كە يېتىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1992– يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تېز سۈرئەتكە يەتتى؛ فىلىپپىننىڭ 5–ئايدىكى ئىستېمال مال باھا كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن %9.6 ئېشىپ، 9–يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىىنى ياراتتى....بۇلار پەقەتلار دۇنيادىكى پۇل پاخاللىقىغا يۈزلىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسمى خالاس.      

     دۇنيا بويىچە پۇل پاخاللىقى سەۋىيىسىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئېشىشىدا كۆپ خىل سەۋەپلەر بار، ئەمما نېفىت باھاسى بىلەن ئاشلىق باھاسى دۇنيا پۇل پاخاللىقىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۋەتكەن ئەڭ چوڭ ۋە بىۋاستە ئامىل ھېسابلىنىدۇ. يېقىندا خەلقئارادا نېفىت ۋە كۆممەقوناق باھاسىدا يېڭى يۇقىرى نۇقتا شەكىللەندى، ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ باھاسىمۇ بىر ھەسسىدىن ئارتۇق ئۆرلىدى، ھالبۇكى نېفىت ۋە ئاشلىق باھاسىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەپ --- ھايانكەشلىك كاپىتالىنىڭ نېفىت ۋە ئاشلىق قەرەللىك مال باھاسىنى ھەدەپ ئۆستۈرۋەتكەنلىكىدىن بولدى. ئامېرىكا ئىقتىساد ساھەسىدىكى داڭلىق ئەرباب جورج سورس 6–ئاينىڭ 3– كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ئېنېرگىيە باھاسىدىكى ھايانكەشلىك توغرىسىدا توخالغاندا، زور مىقداردىكى ھايانكەشلىك مەبلىغى تاۋار قەرەللىك مال بازىرىغا كىرىپ نېفىت باھاسىنىڭ كۈپۈكلىشىشىنى زورايتىۋەتتى، دېدى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارى سىتېۋ برايىس مۇنداق دېدى: ‹‹سۈرۈلمە قەرەللىك كېلىشىمنىڭ 5 چوڭ ئىشلەتكۈچىسى ئامېرىكا بانكىسى، سىتى  گۇرۇھى، مورگان چاس، خۈيفېڭ ۋە ۋاچوۋىيا بانكىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار تاۋار ۋە تاۋار قەرەللىك مېلىنىڭ سۈرۈلمە قەرەللىك مال سودىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇنوپۇل قىلغان. نۆۋەتتە نېفىت، پۇل پاخاللىقىغا قارشى تۇرىدىغان قاتتىق مۈلۈك ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك مەبلەغ سېلىش ئۈنۈمىمۇ ئالاھىدە ياخشى. كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇكى، ئامېرىكا دوللىرى ئىزچىل تۈردە ئاجىزلاشسا، قىممىتى ئامېرىكا دوللىرى بويىچە ھېسابلىنىدىغان ئوتتۇرىچە تۇرمۇش تەننەرخى بىر قانچە يىل ئىچىدە بىر قاتلىنىدۇ››.

     پۇل پاخاللىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش دۇنيادىكى ھەر قايسى مەركىزىي بانكا باشلىقلىرىنىڭ ‹‹باش ئاغرىقى›› غا ئايلاندى، ئەپسۇسلىنارلىقى، ھازىرغا قەدەر دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي بانكىلىرى بىر –بىرى بىلەن ماسلىشىپ، بىردەك ھەرىكەت قوللىنالمىدى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇل سىياسىتىدە ھەمكارلىشالماسلىقى پۇل پاخاللىقىنى بارغانسېرى كۈچەيتىۋەتتى. ئىككىلەمچى قەرز كىرزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپىسى بانكىسى ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن ئۆسۈم تۆەنلىتىش ۋە قىممىتىنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ،  پۇل سىياسىتىنى قويۇۋېتىپ، ئۆز دۆلىتى ۋە دۇنيا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئېشىش بەدىلىگە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى قولغا كەلتۈردى؛ كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان پۇل پاخاللىقى ئالدىدا، كۆپ سانلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي بانكىسى بىر تەرەپلىمە ھالدا باشلامچى بولۇپ پۇلنى قىسىش سىياسىتىنى قوللىنىشنى خالىمىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇستەقىل ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى توسۇستىكى ئۈنۈمىنىڭ چەكلىك بولغاندىن سىرت، ئەكسىچە ئۆز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى قۇربان قىلىپ، ئامېرىكا ئىككىلەمچى قەرز كىرزىسىنىڭ قوشۇمچە قۇربانى بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدۇ. ھەمكارلاشماسلىقنىڭ نەتىجىسى— خەلقئارا بازاردىكى تاۋار باھاسىنى ئورتاق يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت، بۇ ھالەت تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى نېفىت ۋە ئاشلىق باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىنىڭ زەربىسىگە ئۇچىرتىپ، 800 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئاچارچىلىقنىڭ تەھدىتىگە دۇچار بولماقتا.

      پۇل پاخاللىقى مۇقەررەر ھالدا ئىستېمال ۋە مەبلەغ سېلىشقا زىيان ئېلىپ كېلىپ، ئاخىرىدا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەمدە دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. پۇل پاخاللىقى نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ زور خەۋىپى شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلە، ئەمما ئاز سانلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل ھەرىكەت قوللىنىشى دۇنيانى قاپلىغان پۇل پاخاللىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ.  يەر شارىلىشىۋاتقان چوڭ مۇھىت ئاستىدا، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ئۆزىنىلا ئويلىشى مۈمكىن ئەمەس، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر چوقۇم بىر بىرى بىلەن ماسلىشىپ، بىردەك ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۈنۈملۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئورتاق قوللانغاندىلا، پۇل پاخاللىقىننىڭ كونتروللۇقنى يوقۇتۇشىنىڭ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشى سەۋەبىدىن پۇل پاخاللىقى ئېشىپ كېتىشتەك پۇل پاخاللىقى ۋە ئىستېمال تەلىپىنىڭ ئاشماسلىقى زىيىتى پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، دۇنيادا 1– ئورۇندا تۇرىدىغان ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەت— ئامېرىكا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ زور نىسبەتتە چۈشۈشى ۋە ھەددىدىن زىيادە كەڭ بولغان پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى ئۆزگەرتىشى؛ خەلقئارا جەمئىيەت نېفىت ۋە ئاشلىققا تۆلىنىدىغان پۇلنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا نېفىت ۋە ئاشلىق باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ تاۋار قەرەللىك مېلىنى ھەدەپ ئۆستۈرۈپ بېسىمدارلىق قىلىشىنى توسۇشى كېرەك.  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ