باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك كارخانا مەدەنىيىتى مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە باشلاندى
2008- 07- 09 11:03 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     

      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللىگەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىدىيىۋى – سىياسىي خىزمەت تەتقىقات جەمئىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك كارخانا مەدەنىيىتى مۇنبىرى 8 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە باشلاندى.  

    بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى‹‹كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى ۋە ئىناق مەدەنىيەت بەرپا قىلىش›› بولۇپ، مۇنبەر مەزگىلىدە، مەخسۇس تېمىدا لىكسىيە سۆزلەش، ئۆز ئار سۆھبەتلىشىش، ئېكىسكورسىيە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كارخانا ۋە كارخانا مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇتەخەسسىس، ئالىملارغا سەھنە ھازىرلاپ بىرىلىپ، بىرلىكتە كارخانا مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش جەھەتتىكى ئىلغار تەجىرىبلەر ئالماشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانا مەدىنىيىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ.

       ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى مۇنبەردە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: كارخانا مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەددەتلىك، ئومۇملىققا ئىگە، ئىستىراتىگىيىلىك خىزمەت. كارخانىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سىتىش، باشقۇرۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چىتىشلىق بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كارخانا مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىشتە، چوقۇم پارتىيە 17 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۈگىنىپ ۋە ئىزچىلاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆلۈنۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ئاخىر كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش كېرەك.

     لى يى مۇنداق دېدى: ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ياخشى بولغان كارخانا مۇھىتى بەرپا قىلىپ بىرىش كېرەك. كارخانا مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، قاراش، مەزمۇن، شەكىل جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، كارخانا مەدەنىيىتى ۋە ئىدىيىۋى سىياسىي خىزمەتنى، كارخانىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كارخانا مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشتىكى ئىلغار تىپلارنى تەربىيلەپ، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانلىرىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي گورۇھى شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى مۇنبەرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ تەجىرىبە ئۆز – ئارا ئالماشتۇردى.  

مۇنبەرگە قاتناشقان ۋەكىللەر 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ