باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
شىنجاڭنىڭ كۈندىلىك خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت كۈندىلىك خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ%20 ىنى ئىگىلەيدۇ
2008- 07- 09 10:33 تەڭرىتاغ تورى

      مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ، نۆۋەتتە ، شىنجاڭنىڭ كۈندىلىك خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 75 مىڭ توننا بولۇپ ، پۈتۈن مەملىكەت كۈندىلىك خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %44ىنى ئىگىلەيدىكەن .

      ئىستاتىستىكلارغا ئاساسلانغاندا ، 2007–يىلى شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان خام نېفىتنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 20 مىليون 640 مىڭ توننا بولۇپ ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان 100 مىليون 870 مىڭ توننا خام نېفىتنىڭ %14 ىنى ئىگىلىگەن . تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 21 مىليارد 100 مىليون كۇپ مېتىرغا يەتكەن . ماي–گاز ئېكۋىۋالېنتى 40 مىليون 330 مىڭ توننىغا يېتىپ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ماي–گاز ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ قالغان. غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش ، جۇڭگو–قازاقىستان خام نېفىت يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى ، ئۇلانباتور تەييار نېفىت يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى ، غەربىي رايون خام نېفىت يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ئارقا–ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ، شىنجاڭ مەملىكىتىمىزنىڭ مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك نېفىت بازىسى بولۇپ قالدى .               

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ