|
نىلقا ناھىيىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ساياھەتچىلىكتە داڭلىق ناھىيە قۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇپ ھەم ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇردى ھەم يانداش كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى.
ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹ساياھەتچىلىكتە داڭلىق ناھىيە قۇرۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى››نى تۈزۈپ، مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئېچىشنى چىڭ تۇتتى. سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بىر تۈركۈم كارخانىلارنى ساياھەتچىلىك بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىشقا جەلپ قىلدى. ئۈرۈمچىدە ‹‹تاڭبالى ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى››ئاچتى ھەم شىئەت يەرمەنكىسىدە ‹‹تاڭبالى›› ماركىسىنى تونۇشتۇردى. ھازىر بۇ ناھىيىدە ساياھەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان چارۋىچى 20 مىڭدىن ئاشتى. ساياھەتچىلىكنىڭ راۋاجلىنىشى 2 –، 3 – كەسىپنىڭ گۈللىنىشىگە، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنىڭ سەرخىللىشىشىغىمۇ تۈرتكە بولدى. ھازىر ناھىيىدە ساياھەتچىلىك كەنتى ئونغا يەتتى.
|