|
ئىلى جىنجى كوكس چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 50 نەچچە مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مۇھىتنى ياخشىلاپ، ئىلگىرىكى ‹‹مۇھىتى ناچار›› دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىدى. بۇ شىركەت 2004 – يىلى نىلقا ناھىيىسىنىڭ ئۇلاستاي يېزىسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئىلىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشتا گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى ياراتتى. 2007 – يىلى شىركەتنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 150 مىليون 58 مىڭ يۈەندىن، ساپ كىرىمى 43 مىليون 536 مىڭ يۈەندىن، تاپشۇرغان بېجى 48 مىليون 81 مىڭ يۈەندىن، مۇقىم مۈلكى 150 مىليون يۈەندىن ئاشتى.
بۇ شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ‹‹مۇھىت ئاسراشقا سەل قارىغانلىقتىن، 2006 – يىلى 7 – ئايدا دۆلەت مۇھىت ئاسراش باش ئىدارىسى تەرىپىدىن ‹‹مۇھىتى ناچار›› كارخانا قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنىدى، ‹‹مۇھىتى ناچار›› دېگەن بۇ قالپاقنى چۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن، بۇ شىركەت بىر تەرەپتىن ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇھىت ئاسراش سالمىقىنى ئاشۇردى. 24 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كۆمۈر تاللاش زاۋۇتىنى ئۆزگەرتتى، سانائەتكە ئىشلىتىلگەن سۇنى ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىپ، سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئازايتتى. 3 مىليون 700 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كوكس پېشىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارىنى تۆۋەنلەتتى، 2 مىليون 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يۇندى بىر تەرەپ قىلىش پونكىتى ياساپ، يۇندىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تىزگىنلەپلا قالماي يىلىغا 730 مىليون توننا سۇ تېجىدى، 12 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ كۆمۈر گازىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش پونكىتى قۇرۇپ، يىلىغا 6000 توننا كۆمۈر تېجىدى. 3 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ كوكس مېيىنى يىغىۋېلىش سىستېمىسى ياساپ، يىلىغا 120 مىڭ توننا كوكس مېيىنى يىغىۋالدى. 1 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، گۈڭگۈرت ئايرىش مۇنارى ياساپ، گۈڭگۈرت كۆمۈر گازىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى. 700 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ كۆچەت تىكىپ، گۈل – گىياھ ئۆستۈرۈپ مۇھىتنى گۈزەللەشتۈردى. بۇ شىركەتنىڭ مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ئىقتىسادىي قىممەت ياراتتى.
|