باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكىلەر مۇھىت بۇلغايدىغان كارخانىلارغا قاتتىق قول بولدى
2008- 07- 08 16:03 شىنجاڭ گېزىتى

   ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكىلەر ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىمىنى ئازايتىش خىزمىتىدە‹‹ ئېچىش بىلەن تېجەشكە تەڭ ئېتىبار بېرىش، تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش›› فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ،‹‹ قانۇنغا خىلاپ بۇلغىما قويۇپ بەرگەن كارخانىلارنى تەرتىپكە سېلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بويىچە مۇھىت ئاسراش مەخسۇس ھەرىكىتى››نى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى.

   بۇ ۋىلايەتتىكى ئالاقىدار تارماقلار قاتتىق تەكشۈرۈش بىلەن تەرتىپكە سېلىشنى، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش بىلەن سۈرۈك ئىچىدە تۈزەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، 2007 –  يىلى كىچىك تىپتىكى تاۋلاش كارخانىسىدىن بىرنى، كونا بالوننى يەرلىك ئۇسۇلدا تاۋلاپ ماي چىقىرىش كارخانىسىدىن ئىككىنى قانۇن بويىچە تاقىدى. توقسۇ ناھىيىسىدىكى شىڭخې ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ تۈرى ئۆزگەرتىلگەن كوكس ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنى تاقىۋەتتى. ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما قويۇپ بەرگەن باي ناھىيىلىك خەلقئارا كۆمۈر كوكسلاشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئونسۇ ناھىيىلىك تۆمۈر چوققا ياغاچچىلىقى، كاڭشىڭ فارفۇر بۇيۇملار شىركىتى قاتارلىق ئون كارخانىغا سۈرۈك ئىچىدە تۈزەش ئۇقتۇرۇشى تارقاتتى. ئاقسۇ خۇيشىن ماي شىركىتى، كۇچا تۇنخې مېۋىچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق ئون كارخانىغا ۋىۋىسكا ئېسىپ، مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى. ۋىلايەتتىكى 50 تىن ئارتۇق كېسەل كارىۋىتى بار دوختۇرخانىلارنىڭ  يۇندى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسىنى ئورنىتىشغا ھەيدەكچىلىك قىلدى. بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان نۇقتىلىق 16 كارخانىنىڭ پاكىز ئىشلەپ چىقىرىشىنى قەرەلسىز مەجبۇرىي تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. 2007 – يىلى ۋىلايەت بويىچە سېغىز توپىدىن پۈتەي خىش ئىشلەپچىقىرىدىغان 22 زاۋۇتنى تاقىۋەتتى. 600دىن كۆپرەك كىچىك پار قازىنىنى چاقتۇردى، كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىدىغان 15 چوڭ پار قازىنىنى گاز يېقىلغۇ قىلىشقا ئۆزگەرتتى. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ