|
باي ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئېنېرگىيىنى تېجەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن،‹‹ باي ناھىيىسىنىڭ 11 – بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئاساسلىق بۇلغىما مىقتارىنى كونترول قىلىش (ئازايتىش) پىلانى››،‹‹ باي ناھىيىسىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىمىنى ئازايتىشنى يولغا قويۇش لايىھىسى›› نى تارقىتىپ،‹‹ باي ناھىيىسىنىڭ 2008 – يىللىق مۇھىت ئاسراش نىشان مەسئۇلىيەتنامىسى›› نى ئىمزالاپ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ۋە‹‹ ئۈچنى بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىش›› بويىچە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى.
بۇ ناھىيە چوڭ تۈر قۇرۇلۇشى ۋە سانائەت رايونى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، تۇزخىمىيە سانائىتى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش رايونى قاتارلىقلارنى پىلانلاش، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ۋە‹‹ ئۈچنى بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىش›› تۈزۈمىنى قەتئىي ئىجرا قىلدى. 2007 – يىلىدىن بۇيان، يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان ئون تۈرنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تەستىقلاپ، ئېغىر خىمىيە سانائىتى رايونىنىڭ پىلانلاش، مۇھىت تەسىرىنى باھالاپ تەستىقلاش خىزمىتى ۋە خەلقئارا كۆمۈر كوكسلاشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 2 – قارارلىق تۈرىنى مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمى بويىچە تەستىقلاش، ئىسپات ئاڭلاشنى تاماملىدى. 19 خۇمدان، يەتتە ياغاچ ماتېرىياللىرى پىششىقلاش زاۋۇتى، ئۈچ كان كارخانىسى، 14 ماي قاچىلاش پونكىتى، ئىككى كۆمۈر يۇيۇش زاۋۇتى، ئىككى ئاشلىق پىششىقلاش زاۋۇتى، بىر ئەينەك تالا زاۋۇتىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تولۇقلاپ ئىشلىدى ھەم تەستىقلىدى. باي ناھىيىلىك جۇڭتەي كۆمۈر كوكسلاشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 600 مىڭ توننىلىق كۆمۈر كوكسلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، شىنشىڭ كۆمۈر كېنى، جوغا مىس كېنى قاتارلىق يېڭىدىن قۇرۇلغان ئالتە تۈرنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تەلەپ بويىچە تاماملىدى ھەمدە ئاپتونوم رايون ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ باھالاپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزدى. 2006 – يىلىدىن بۇيان، بۇ ناھىيىدىكى ئالاقىدار تارماقلار 56 تۈرنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تاماملاپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلىغاندىن كېيىنكى باشقۇرۇش ۋە‹‹ ئۈچنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىش››نى ئىجرا قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، تۈرلەرنى تەستىقلاش ئۆتكىلىنى مەنبەسىدىن چىڭ تۇتۇپ، تۇرلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا ئاساس سالدى.
|