باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
20–ئىيۇلدىن تارتىپ ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدىكى ئايروپورتلاردا ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئىجرا قىلىنىدۇ  
2008- 07- 08 15:02 تەڭرىتاغ تورى

      بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى يولۇچى توشۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، 7–ئىيۇل ، جۇڭگو پۇقراۋى ئاۋىئاتسىيىسى ئىدارىسى 20–ئىيۇلدىن باشلاپ ، دۆلەت ئىچىدىكى ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئونلىغان ئايروپورتتا ئالاھىدە تەكشۈرۈش تەدبىرى قوللىنىش قارارىنى چىقارغان . كىچىك قۇتىلىق گىرىم بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سۇيۇق ھالەتتىكى بۇيۇملار چوقۇم ھاۋالىلىك توشۇشقا بېرىلىشى كېرەك . پىچاق ، ھاراق ، ئوت تۈرىدىكى بۇيۇملارنى يېنىدا ئېلىشقىمۇ ، ھاۋالىلىك توشۇشقا بېرىشكىمۇ بولمايدۇ .

      ئىگىلىنىشىچە ، ئۈرۈمچى ئايروپورتى ئىجرا قىلىدىغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدىن يەنە مۇنۇلار بار ئىكەن : ئايروپورتقا يولۇچىلارنى ئۇزاتقىلى كەلگەنلەرنىڭ ئايروپورت بىناسىغا كىرىشىگە بولمايدۇ ، پەقەت ئايروپىلان بېلىتى بار يولۇچىلارنىڭلا ئايروپورتقا كىرىشىگە يول قويۇلىدۇ ؛ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا يولۇچى كۈتۈۋالىدىغانلارنىڭ ئايروپورت بىناسىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ ، لېكىن ھەرقانداق تىپتىكى خالتىلىق بۇيۇملارنى ئېلىپ كىرىشى چەكلىنىدۇ . خەلقئارالىق نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرىدىغان يولۇچىلار چوقۇم ئايروپىلان بېلىتى بىلەن پاسپورتىنى كۆرسىتىپ ئاندىن ساقلاش زالىغا كىرىشى كېرەك .  

 

            

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ