باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
نېپال بېسىمغا قارىماي‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى››كۈچلىرىنى تۇتتى
2008- 07- 08 12:46 شىنجاڭ گېزىتى

   نېپال ھۆكۈمىتى يېقىندا قانۇن ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى››كۈچلىرىگە زەربە بەردى. كاتماندۇ شەھىرىدىكى ساقچىلار 19 – ئىيۇن ‹‹شىزاڭ ياشلار ئۇيۇشمىسى›› قاتارلىق ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› تەشكىلاتلىرى كاتتىباشلىرىنىڭ ئىشخانىسى ۋە تۇرالغۇسىنى تۇيۇقسىز ئاختۇرۇپ، ‹‹شىزاڭ ئاياللار جەمئىيىتى نېپال شۆبە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى››نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› كۈچلىرىنىڭ ئۈچ ئەزاسىنى تۇتتى. نېپال ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› كۈچلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتىگە چېتىلغاچقا، ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئاي قامىلىدۇ، دېدى. نېپال ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىدا ئەسلىدە ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› تەشكىلاتىنىڭ 12 كاتتىبېشىنىڭ تىزىملىكى بار ئىدى، دالاي گۇرۇھىنىڭ ‹‹نېپالدا تۇرۇشلۇق باش ماسلاشتۇرغۇچىسى›› چىلېي جياسونى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› كۈچلىرى بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ قېچىپ كەتكەن.

   غەرب ئەللىرى ۋە دالاي گۇرۇھى نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ئاشكارا ئارىلاشتى. ھىندىستاندىكى دالاي گۇرۇھى نېپالنىڭ باش ۋەزىرىگە ئوچۇق خەت سۇنۇپ، نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› تەشكىلاتىنىڭ ئۈچ ئەزاسىنى قويۇپ بېرىشنى ‹‹ئۆتۈندى››.

   ئامېرىكا گوۋۇيۈەننىڭ باياناتچىسى كاسېي 27 – ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› تەشكىلاتىنىڭ ئۈچ ئەزاسىنى ئەيىبىلىمەستىنلا قاماپ قويغانلىقىنى ئەيىبىلدى ھەم ئۇلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، كانادا، دانىيە، گېرمانىيە ۋە ئاۋسترالىيىنىڭ نېپالدىكى باش ئەلچىخانىسى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، بىر تەرەپتىن نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە چەت ئەللەرنىڭ نېپالدىكى ئەلچىخانىسىنى قوغدىغانلىقى››غا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، يەنە بىر تەرەپتىن نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› كۈچلىرىنىڭ ‹‹تىنچ نامايىش قىلىش ئەركىنلىكى››گە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بەزى خەۋەرلەردە مۇنداق دېيىلدى: خەلقئارادىكى ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› كۈچلىرىگە ياردەم بەرگۈچىلەرنىڭ قوللىشى ۋە قۇترىتىشى بىلەن، ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› تەشكىلاتى ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ، نېپال ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىپ، ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› تەشكىلاتىنىڭ قولغا ئېلىنغان ئەزالىرىنى تېزدىن قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

   ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 19 – ئىيۇن، كېڭەش پالاتاسى 26 – ئىيۇن ‹‹لاسادا كونسۇل قۇرۇشقا 5 مىليون دوللار ئاجرىتىشقا قوشۇلىمىز›› دېگەن مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2642 – نومۇرلۇق جىددىي ياردەم بېرىش قانۇن لايىھىسىنى بىردەك ماقۇللىدى.

   ج ك پ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئىلمىي سوتسىيالىزم كافېدىراسى مىللەت ۋە دىن نەزەرىيىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇ يەن مۇنداق قارىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ شىزاڭدا كونسۇلخانا قۇرۇشىغا قوشۇلمايدۇ، قوشۇلۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئامېرىكا تارىختىن بۇيان ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› ئۇنسۇرلىرىنى قوللاپ كەلگەنلىكتىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىلا ئەمەس، نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئالىممۇ بۇنداق قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدى. مېنىڭچە، ئامېرىكا ئەينى چاغدا دالاينىڭ قېچىپ كېتىشىنى پىلانلىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە جۇڭگو خەلقىدىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەك. مۇشۇنچىلىك سەمىمىيىتىمۇ يوق تۇرۇقلۇق، تېخى شىزاڭدا كونسۇلخانا قۇرماقچىمىش، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئەشۇ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ شەخسىي ئارزۇسى خالاس.

   ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› ئۇنسۇرلىرى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىدىن ۋاز كېچىدىغاندەك ئەمەس. دالاي لاما خەلقئارا جەمئىيەتكە ‹‹بېيجىڭ ئو ت م نى قوللايمەن›› دەپ تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››نىڭ نېپالدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى كۆرگەن ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئىنگلىزچە تەشۋىقات ۋەرەقىسىدە ‹‹شىزاڭ دېگەن شىزاڭ››، ‹‹جۇڭگو دېگەن جۇڭگو››، بېيجىڭ ئو ت م مۇقەددەس ئوتىنىڭ شىزاڭ بىلەن ‹‹مۇناسىۋىتى يوق›› دېيىلگەن ھەم بارلىق زاڭزۇنىڭ ‹‹ئىتتىپاقلىشىپ››، 19 – ئىيۇندىن 21 – ئىيۇنغىچە كاتماندۇدا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىزاڭدا مەشئەل يەتكۈزۈشىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ نامايىش قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.

   ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› تەشكىلاتى ھىندىستاندىمۇ جېنىنىڭ بارىچە ئەتراپىغا ئادەم توپلاۋاتىدۇ. ‹‹شىزاڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتى››نىڭ ‹‹زۇڭلىسى›› ساڭدۇڭ رېنبو 28 – ئىيۇن ھىندىستاننىڭ چاندىگار دېگەن يېرىدە ‹‹ھىندىستاندىكى شىزاڭنى قوللىغۇچىلار يىغىنى›› ئېچىپ، ‹‹ھىندىستاننىڭ جۇڭگو بىلەن ئالاقىلەشكەندە شىزاڭنىڭ مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى››نى مۇراجىئەت قىلغان. يىغىنغا ھىندىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى، ھىندىستاننىڭ سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىنخا تەكلىپ قىلىنغان. سىنخا: خەلق پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسىلا، شىزاڭغا چېتىلىدىغان ھەر قانداق يادرولۇق مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزمەيدۇ، دەپ ۋەدە قىلغان.

   ھازىر جۇڭگو – ھىندىستان مۇناسىۋىتى ياخشى بولغاچقا، ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› تەشكىلاتى ھازىرقى ھۆكۈمەتتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، ھىندىستان خەلق پارتىيىسى قاتارلىق ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيىلەرگە كۆز تىكتى. 5 – ئايدا ھىندىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئادۋئانىمۇ ‹‹شىزاڭ سەرگەردان پارلامېنتى››نىڭ ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشكەن.

   خۇ يەن: ئېنىقكى، بەزى ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› ئۇنسۇرلىرى تېخى نىيىتىدىن يانمىدى، دەپ ئاگاھلاندۇردى. بىراق، ئۇ پۈتۈن دۇنيا تىنچ تەرەققىي قىلىۋاتقاندا، ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى››ئۇنسۇرلىرىنىڭ چەت ئەللەردە ھەرىكەت قىلىش دائىرىسى بارغانسېرى كىچىكلەپ كېتىۋاتىدۇ، دەپ قارىدى.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن   

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ