باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ئىران ئىسرائىلىيىنىڭ‹‹يادرو مەركىزى››گە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن
2008- 07- 08 12:45 شىنجاڭ گېزىتى

   ئەنگلىيە ‹‹يەكشەنبىلىك تايمىس›› گېزىتىنىڭ 29 – ئىيۇندىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىران ‹‹ئاقار يۇلتۇز›› بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى قويۇپ بېرىش بازىسىغا يۆتكىدى. ئىران ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ قوزغاش ئېھتىمالى بولغان ھەرىكىتىگە ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە زەربە بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇۋاتىدۇ، بىۋاسىتە نىشانى ئىسرائىلىيىنىڭ يادرو ئەسلىھەسى. ‹‹نيۇ – يوركلىق مېھمان›› ژۇرنىلىدا بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا بۇشنىڭ ئىران رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرگە زەربە بېرىش توغرىسىدىكى مەخپىي پىلانىغا پۇل ئاجرىتىشنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئاسمىنىنى بىردىنلا تېخىمۇ قويۇق ئۇرۇش تۇمانى قاپلىدى. 

   ‹‹يەكشەنبىلىك تايمىس›› گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىران ‹‹ئاقار يۇلتۇز B3 ›› بەلگىلىك زەمبىرەك ئوقسىمان ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە قايتۇرما زەربە بېرىشكە تەييارلاندى. زەربە بېرىش ئېھتىمالى بولغان نىشانلار ئىسرائىلىيىنىڭ نېگېۋ قۇملۇقى رايونىغا جايلاشقان دىمونا يادرو رېئاكتورىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك، ئىسرائىلىيىنىڭ يادرو قوراللىرى بۇ يەردە بولۇشى مۇمكىن، دەپ قىياس قىلماقتا. بۇ جاي ئىسرائىلىيە يادرو تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاساسلىق ئورۇن، شۇڭا ئىسرائىلىيىنىڭ ‹‹يادرو مەركىزى›› دەپ ئاتالغان.

   ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ قوماندانى مۇھەممەد جەفارى ‹‹تېھران›› گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا :بۇ دۆلەت (ئىسرائىلىيە) باشقۇرۇلىدىغان بومبىمىزنىڭ مۇساپىسى دائىرىسىدە، دېدى. ئىران ھۆكۈمەت تەرەپ ئاخبارات ۋاسىتىسىمۇ باش ماقالىسىدە: ‹‹ئىراننىڭ قايتۇرما زەربىسى›› ئۇلارنىڭ چېكىسىگە تېگىدۇ، دېيىلدى. جەفارى يەنە: دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىساق، ھورموز بوغۇزىنى قامال قىلىمىز، دەپ تەھدىت سالدى. جەفارى: ئىراننىڭ پارس قولتۇقى، ھورموز بوغۇزى ۋە ئومان دېڭىزىنى بويلىغان دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسى بار، بەزىلەر ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشقا جۇرئەت قىلسا ياكى دۈشمەننىڭ ھۇجۇم قىلىشىنى قوللاشقا پېتىنسا، شەك – شۈبھىسىزكى، ئىراننىڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربىسىگە ئۇچرايدۇ، دېدى.

 ‹‹يەرشارى ۋاقىت گېزىتى››دىن

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ