باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
جۇڭگو ئامېرىكىغا نىسبەتەن تەھدىتمۇ؟
2008- 07- 08 12:45 شىنجاڭ گېزىتى

   ئامېرىكا ‹‹مۇداپىئە خەۋەرلىرى›› ھەپتىلىك ژۇرنىلى تور پونكىتىنىڭ 23 – ئىيۇندىكى ماقالىسى، ئەسلىي سەرلەۋھىسى: ‹‹جۇڭگو تەھدىتمۇ؟ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ناتايىن دېدى››. جۇڭگو ئاساسلىقى ئامېرىكا ماگىزىنلىرىنى ئەرزان ئىستېمال بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان ۋە ئامېرىكا ئىقتىسادىغا مەبلەغ سالىدىغان سودا ھەمراھىمۇ؟ ياكى زامانىۋى دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇۋاتقان، ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىۋاتقان ھەم دۇنيا نېفىت تەمىناتىنى تىزگىنلەۋاتقان يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن ھەربىي رەقىبىمۇ؟ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇنى بېكىتەلمىدى.

   دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچىسى جامس خېئان 25 – ئىيۇن ئاۋام پالاتاسىنىڭ ھەربىي كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا: جۇڭگونىڭ رەقىبىمىز بولۇشى ناتايىن، ئۇ بەزى جەھەتلەردە رىقابەتچىمىز، يەنە بەزى جەھەتلەردە ھەمراھىمىز، دېدى. ئۇ ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ‹‹مۇددىئاسى››نى تولۇق چۈشەنمەيدۇ، جۇڭگونىڭ مۇددىئاسى ۋە ھەربىي سېلىنما توغرىسىدىكى تەدبىرىنى ئېنىق بىلمەيدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

   خېئان بىلەن بىللە، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقان شتات باشلىقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ  ئىستراتېگىيىلىك پىلان ۋە سىياسەت بۆلۈمىدىكى مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى فىللىپ برېددراۋ مۇنداق دېدى: بىر تەرەپتىن، جۇڭگودەك ئىقتىسادى تېز ئېشىپ، زامانىۋىلىشىۋاتقان دۆلەت تەبىئىيكى، ئارمىيىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئويلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، جۇڭگو چەت ئەلنىڭ نېفىتلىكى، تەبىئىي گازلىقلىرىنى ھەدەپ سېتىۋېلىۋاتىدۇ ھەم پۇتبول مەيدانى ياساپ بېرىش، قورال – ياراغ سېتىپ بېرىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئېنېرگىيە بايلىقى مول ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاۋاتىدۇ.

   خېئان جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئامبىرى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو كەم دېگەندە ئون خىل زەمبىرەكسىمان ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇردى ياكى ياساۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەم مۇساپىسى تەيۋەنگە يېتىدىغان قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بار، ھەم ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان پاراخوتقا قارشى زەمبىرەكسىمان ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بار. خېئان مۇنداق دېدى: جۇڭگو روسىيىدىن ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋالغاندىن سىرت، ئۆزىمۇ يېڭى تىپتىكى كۈرەشچى ئايروپىلان تەتقىق قىلىپ ياساۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو ئارمىيىسى ‹‹تور ئۇرۇشى ساھەسىدە زور ئىلگىرىلەۋاتىدۇ››، جۇڭگو رازۋېدكا، يول باشلاش، سۈنئىي ھەمراھقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، لازېر نۇرى ۋە كاشىلا قىلىش سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلىك ھەربىي ۋە ئىككى خىل پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئالەم بوشلۇقى پىلانىغا نۇرغۇن مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ.

   خېئان: جۇڭگو ئاساسەن تەيۋەننى كۆزدە تۇتۇپ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ، ئېھتىمال باشقا غەرىزىمۇ بولۇشى مۇمكىن، دېدى.

   خېئان مۇنداق دېدى: ئامېرىكا نۇرغۇن ھەربىي پاراخوت ياسىمىغان بولسىمۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقىنى كۈچەيتتى، جۈملىدىن ئىككى تەرەپ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي رەھبەرلەر سۆھبىتى، ھەربىي پاراخوتلار ئۆزئارا زىيارەت قىلىش ۋە ھەربىي مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە، جۇڭگو – ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارلىرى قاتناشقان پائالىيەتلەرنى كۆپەيتتى. ئەمما ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى جۇڭگونىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىنى تولۇق ئاشكارىلىمىغانلىقىدىن ئەنسىرىمەكتە.

 ‹‹يەرشارى ۋاقىت گېزىتى››دىن

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ