|
. ياپونىيىنىڭ ناگاساكى شەھىرى 7 – ئىيۇل جۇڭگولۇق قازا قىلغۇچىلار خاتىرە تېشىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ناگاساكى ئاتوم بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا قازا قىلغان جۇڭگولۇق 33 ئىشچىغا تەزىيە بىلدۈردى.
. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ زۇڭتۇڭى خەلىپە 6 – ئىيۇل ئەبۇزەبىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقنىڭ 7مىليارد دوللارغا يېقىن قەرزىنى كۆتۈرۈۋېتىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
. ب د ت تەرەققىيات – پىلان مەھكىمىسىنىڭ سومالىدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى ئوسمان ئەلى ئەھمەد 6 – ئىيۇل سومالى پايتەختى موگادىشودا سالاھىيىتى نامەلۇم قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.
. روسىيىنىڭ چېختا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فېدوتوۋ 6 – ئىيۇل پراگادا، ئەگەر ئامېرىكا بىلەن چېخ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى رادار بازىسى قۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالىسا ھەم تەستىقلىسا، روسىيە ھۆكۈمىتى مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، دېدى.
. ئافغانىستان سەھىيە مىنىستىرلىكى 7 – ئىيۇل چۈشتىن ئىلگىرى ھىندىستاننىڭ ئافغانىستاندىكى باش ئەلچىخانىسىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن ئۆلۈۋېلىش خاراكتېرلىك ئاپتوموبىلبومبا ھۇجۇمىدا 28 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 141 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|