|
شىنجاڭنىڭ گۈزەل يايلاقلىرىنى ۋە ئەزىزانە قەشقەرنى بىر كۆرۈش ئارزۇيۇم بار ئىدى. مېنىڭچە، بۇ يەرلەر ياز پەسلىدە تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. ‹‹جەلپكار شىنجاڭ›› 10 مىڭ چاقىرىملىق زىيارەت پائالىيىتى ماڭا شىنجاڭنى چۈشىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. مەن شىنجاڭنىڭ داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىدىكى ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقلىرىنى كۆپرەك سۈرەتكە تارتىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرگە تەشۋىق قىلىمەن، دېدى 3 – ئىيۇل ‹‹جەلپكار شىنجاڭ›› 10 مىڭ چاقىرىملىق زىيارەت پائالىيىتىگە جابدۇنۇپ بولغان بېيجىڭلىق مۇخبىر يى يافىي زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ.
مەملىكىتىمىزدىكى 25 ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىسىدىن كەلگەن 50 نەچچە مۇخبىر قاتناشقان ‹‹جەلپكار شىنجاڭ›› 10 مىڭ چاقىرىملىق زىيارەت پائالىيىتى 3 – ئىيۇل رەسمىي باشلاندى. ئىگىلىنىشىچە، 11 كۈنلۈك زىيارەت پائالىيىتىدە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، گۇاڭدۇڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق 25 ئاخبارات ۋاسىتىسىدىن كەلگەن مۇخبىرلار ‹‹يىپەك يولى›› لىنىيىسىدىكى ساياھەت بايلىقلىرى مول بولغان ئۈرۈمچى، سانجى، قاراماي، غۇلجا، تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ يۈچېڭ بۇ قېتىملىق زىيارەت پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىز ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈچى ئارقىلىق تىنچ، ئىناق ۋە تەرەققىي قىلغان شىنجاڭنى، شىنجاڭنىڭ تۆت پەسىلدە ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدىغان ئەۋزەللىكىنى تەشۋىق قىلماقچى. بۇ پائالىيەت ئىچكىرىدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
|