باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا زامانىۋى ئايرودروم تورى شەكىللەندى
2008- 07- 08 12:33 شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا (23)

   2008 – يىلى 13 – ئىيۇن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ T3 ئاۋىئاتسىيە بىناسى قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشچىلار زور قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەۋاتاتتى. شىنجاڭ ‹‹كوئېنلۇن›› قۇرۇلۇش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش نازارەتچىسى، ئىنژېنېر گو ۋېيگو مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئاساسلىق ئاۋىئاتسىيە بىناسىنىڭ پولات قۇرۇلمىسى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى، قالغان يەككە تۈرلەردىمۇ جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ، پىلان بويىچە كېلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

   خەلق ئاۋىئاتسىيىسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى گۇەن ۋۇ پىڭ كۆككە تاقاشقان بۇ ئىمارەتكە قاراپ تۇرۇپ، ھاياجانلانغان ھالدا: بۇنى شىنجاڭنىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيىسىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۆزگىرىش بولدى، دېيىشكە بولىدۇ، دېدى.

غەربىي رايوندىكى تۈگۈن ئايروپورت

   ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى دۆلەت خەلق ئاۋىئاتسىيىسى بويىچە 1 – دەرىجىلىك ئايروپورت بولۇپ، 20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدا قۇرۇلغان. 1950 – يىلىدىن ھازىرغىچە بىر قانچە قېتىم كېڭەيتىپ قۇرۇلدى ۋە داۋاملىق قۇرۇلۇش قىلىندى. بۇ شەھەرنىڭ مۇھىم ئاۋىئاتسىيە تۈگۈنى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن مەملىكىتىمىزدە بىر قىسىم يېڭى ئايرودروملارنىڭ قۇرۇلۇشى، شىنجاڭ تەۋەسىدىكى تارماق لىنىيىلەرنىڭ كېڭەيتىپ قۇرۇلۇشى ۋە يولۇچىلار مىقدارىنىڭ زور نىسبەتتە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي قالدى.

   1994 – يىلى 4 – ئايدا  1 مىليارد 953 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىدا رەسمىي ئىش باشلاندى. 1998 – يىلى 8 – ئايدا ئۇچۇش، ئايروپورت مۇلازىمەت رايونى ئاساس قىلىنغان كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ 2001 – يىلى 12 – ئايدا ئاۋىئاتسىيە پونكىت رايونى ۋە ماي بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى ئاساس قىلىنغان 2 – قارارلىق قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، 640 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ئاۋىئاتسىيە بىناسى 2002 – يىلى 2 – ئايدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

   2005 – يىل 12 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئاپتونوم رايون بىلەن دۆلەت خەلق ئاۋىئاتسىيە باش ئىدارىسى ‹‹شىنجاڭنىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيە تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ مۇھىم  خاتىرىسى›› گە ئىمزا قويۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ‹‹11 – بەش يىل›› مەزگىلىدە غەربىي رايوندىكى تۈگۈن ئايروپورت ئىقتىدارىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھازىرلىغان ئايروپورت، ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدە ئېلىمىزنىڭ غەربىدىكى تۈگۈن ئايروپورت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت  تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىستراتېگىيىلىك تەدبىر ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ دەرىجىسىنى رايون خاراكتېرلىك تۈگۈن ئايروپورتىدىن دۆلەتنىڭ غەربىي رايوندىكى تۈگۈن ئايروپورت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

   كۆپنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ 3 – قارارلىق كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىدا 2007 – يىل 4 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئىش باشلاندى. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، يىلىغا 16 مىليون 350 مىڭ ئادەم(قېتىم) يولۇچىنى توشۇيالايدۇ؛  يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان 110 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق ئاۋىئاتسىيە بىناسى ھازىرقى ئاۋىئاتسىيە بىناسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە يېقىن كېلىدۇ؛ ئەسلىدىكى 12 ئايروپىلان يولى ئاساسىدا يەنە 22 سى كۆپەيتىلىدۇ، ھەرقايسى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ نورمال ئۇچۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ؛ ئايروپورتنىڭ شەرقى ۋە غەربىدە يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان يۈك ترانسپورت رايونى پۈتكەندىن كېيىن مال، پوچتا يوللانمىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مىقدارى 275 مىليون توننىغا يېتىپ، ھازىرقى 70 مىڭ توننىلىق ئىقتىدارنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ غەربىي رايوندىكى تۈگۈن ئايروپورتلىق رولى ھەقىقىي گەۋدىلىنىدۇ.

تەرەققىيات مۇساپىسى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ

   مەركەز يولغا قويغان غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيىسى شىنجاڭنىڭ ئايروپورت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېپىلغۇسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايون  ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ ‹‹دۆلەتنىڭ غەربىي رايوندىكى تۈگۈن ئايروپورتى›› قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىدەك تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەرقايسى ئايرودروملاردا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى باشلىۋەتتى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون خوتەن ئايرودرومىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ كونا ئايروپىلان ساقلاش بىناسىنى ئۆزگەرتىش، قاراماي، نارات، قاناس ئايرودرومىنى سېلىش، ئالتاي، غۇلجا ئايرودرومىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش، كورلا ئايرودرومىنى كۆچۈرۈپ سېلىش قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارغا  1 مىليارد 790 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى. كورلا، قاراماي، خوتەن، ئالتاي، غۇلجا قاتارلىق تارماق لىنىيىلىك ئايرودروملارنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. ئىلگىرى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش يولىدا كىچىك تىپتىكى ئايروپىلانلارلا ئۇچۇپ قونالايتتى، پاسىل تاممۇ يوق ئىدى، ئەسلىھەلىرى كونا، قالاق تارماق لىنىيە ئايرودرومى ھازىر تەرەققىي قىلىپ ئىقتىدارى مۇكەممەل زامانىۋى ئايرودروملارغا ئايلاندى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىچكى ئاۋىئاتسىيە تورى يېڭى تۈس ئالدى.

   ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ پەيدىنپەي ئېچىۋېتىلىشى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى 13 تارماق لىنىيىلىك ئايرودرومدىن كەلگەن ئايروپىلانلار قونۇپ ئۆتىدىغان، ياۋروپا –  ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ھازىرغا قەدەر 44 ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتتى، 27 دۆلەت، 42 خەلقئارا ۋە رايونلۇق شەھەر، 49 ئىچكىرى ئۆلكە شەھەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، 155 ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى ئاچتى.

ئايروپورت يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە دۇچ كەلدى

   خەلقئارا خەلق ئاۋىئاتسىيە قاتناش نىسبىتى بويىچە، بىر جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى بىلەن يەرلىك ئايرودرومنىڭ ترانسپورت ئىقتىدارىنىڭ ئېشىش نىسبىتى 2:1 بولىدۇ، يەنى يەرلىكنىڭ GDPسى %1 ئاشسا، ئايرودرومنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى تەخمىنەن %2 ئاشىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك پۇرسەت مەزگىلىدە، ئىقتىسادنىڭ تېز ئېشىشىمۇ ئايرودرومنى تېخىمۇ زور تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى، شىنجاڭنىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيە كەسپىنىڭ يەنە بىر بالداق يۈكسىلىشىدە گەپ يوق.

   شىنجاڭ ئايرودروم (گۇرۇھ) شىركىتىدىن ئىگىلىشىمچە، 2015 – يىلى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى يەنە ئىككىنچى ئايروپىلان ئۇچۇش يولى ۋەT4  ئاۋىئاتسىيە بىناسى سالىدىكەن، شۇ چاغدا بۇ ئايروپورت دۆلەتنىڭ غەربىي رايوندىكى تۈگۈن ئايروپورتلۇق ئىقتىدارىنى تولۇق ھازىرلاپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلىنىپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم تۈگۈنلۈك رولىنى جارى قىلدۇرىدىكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ