|
ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 7 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 4 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي تېخنىك خادىملارنى داۋاملىق تەربىيىلەش نىزامى››(دەسلەپكى لايىھىسى)، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <شەھەر – يېزىلارنى پىلانلاش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››(دەسلەپكى لايىھىسى)، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ئەسلىھەلىرىنى قوغداش چارىسى››(دەسلەپكى لايىھىسى)، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چوڭ پائالىيەتلەرنىڭ ئارخىپىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى››(دەسلەپكى لايىھىسى)قاراپ چىقىلدى ۋە پرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: داۋاملىق تەربىيىلەشنى قانات يايدۇرۇش كەسپىي تېخنىك خادىملار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي تېخنىك خادىملارنى داۋاملىق تەربىيىلەش نىزامى›› نىڭ تۈزۈلۈشى داۋاملىق تەربىيىلەش خىزمىتىنىڭ يەنىمۇ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپىي تېخنىك خادىملارنىڭ داۋاملىق تەربىيىلىنىشتىن بەھرىمەن بولۇش قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. يىغىندا ‹‹نىزام››(دەسلەپكى لايىھىسى)غا ئالاقىدار تارماقلار يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشى قارار قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2008 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلغان ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر – يېزىلارنى پىلانلاش قانۇنى››دا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ۋە سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش تەلىپى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى بىر تۇتاش پىلانلىنىدىغان بولدى، شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، شەھەر يىرىك پىلانى، يېزا يىرىك پىلانى ۋە كەنت يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، يولغا قويۇش تۈزۈمىگە زور تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى ۋە تەڭشەلدى. يىغىندا ‹‹ ئاپتونوم رايوننىڭ <شەھەر – يېزىلارنى پىلانلاش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› ( دەسلەپكى لايىھىسى)گە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدىغانلىقى قارار قىلىندى.
ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى سانائىتى خەلق ئىگىلىكىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئۈل كەسىپ. ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى توكنىڭ نورمال ھاسىل قىلىنىشى، توك بىلەن نورمال تەمىنلەش شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يىغىندا ‹‹ ئاپتونوم رايوننىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ئەسلىھەلىرىنى قوغداش چارىسى ›› ( دەسلەپكى لايىھىسى)گە ئالاقىدار تارماقلار يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدىغانلىقى قارار قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئارخىپ ماتېرىياللىرىدا ئاپتونوم رايونىمىز ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئەينەن خاتىرىلەنگەن. ئۇلار قىممەتلىك تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقى، شۇنداقلا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئاساس بولۇپ، ھازىر ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ۋە تەسىرگە ئىگە. يىغىندا مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ ئارخىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم پائالىيەتلەر ئارخىپىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى››نى تۈزۈپ چىقىش ئىنتايىن زۆرۈر، دەپ قارالدى. يىغىندا ‹‹ بەلگىلىمە›› ( دەسلەپكى لايىھە)گە ئالاقىدار تارماقلار يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىپ تارقىتىدىغانلىقى قارار قىلىندى.
يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، جەمئىيەت مۇقىملىقى شۇنداقلا قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋە كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتلەردىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
|