باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
پەلەكتىكى يېڭى يىپەك يولى
2008- 07- 08 12:18 شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا (24)

   ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم تاشقى سودا شىركىتىدە ئىشلەيدىغان  شياۋ گېڭ خىزمەت ئېھتىياجىدىن دائىم مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كاماندىروپكىغا بارىدۇ. ئۇ ھەر قېتىم كاماندىروپكىغا بېرىشتىن بۇرۇن، ئايروپىلان بېلىتىنى توردا ياكى تېلېفوندا زاكاز قىلسىلا، ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئايروپىلان بېلىتىنى يېرىم سائەتكە قالماي ئەكىلىپ بېرىدۇ.

   قۇلايلىق ھاۋا قاتنىشى ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تېز رىتىملىق خىزمەت ۋە تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى. شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەت ئەللەر ئوتتۇرىسىدا نەچچە مىڭ كىلومېتىر ئارىلىق بولسىمۇ، ئايروپىلاندىن ئىبارەت بۇ قاتناش قورالى بولغاچقا، نەچچە مىڭ كىلومېتىر ئارىلىقمۇ يىراق بىلىنمەيدىغان بولدى.

ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش ئىلگىرى پۇقرالارنىڭ ‹‹ئارزۇسى››لا ئىدى

   پېنسىيىگە چىققان كادىر سەي شۇشېڭ بۇ يىل 69 ياشتا بولۇپ، ئۇ 1978 – يىلى تۇنجى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرغانىدى. ئۇ ئەينى ۋاقىتنى ئەسلەپ: شۇ چاغدىكى بىئارامچىلىقنى ھازىرغىچە ئۇنتالمايمەن، ئەينى چاغدا ئىدارە مېنى ئالتايغا خىزمەتكە ئەۋەتكەنىدى، ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىدارىنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى بولمىسا بولمايتتى. ئەينى ۋاقىتتا ‹‹ئان  – 24›› بەلگىلىك 30 كىشىلىك ئايروپىلانغا ئولتۇرغانىدىم، ئايروپىلان كىچىك بولۇپ، پەس ئۇچقاچقا، ناھايىتى قاتتىق سىلكىنەتتى، شۇڭا كۆڭلۈم ئاينىپ، قۇسۇپ توختىمىغانتىم، شۇ چاغدا ئىچىمدە ئەمدى ھەرگىز ئايروپىلان دېگەن نەرسىگە ئولتۇرمايمەن، دەپ قەسەم قىلغانىدىم.
بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، ‹‹پېشقەدەم ئاۋىئاتسىيىچى›› گۈەن ۋۇپىڭنىڭ تەسىراتىنىمۇ ئوخشاش دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ‹‹رى – 2››، ‹‹ئېر – 14››، ‹‹ئان – 24››قاتارلىق كىچىك تىپتىكى ترانسپورت ئايروپىلانىدىن توققۇزى بار ئىدى، يىللىق يولۇچى ترانسپورت مىقدارى 60 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يەتمەيتتى، ئايروپىلانغا ئولتۇرىدىغانلار ئاساسلىقى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ياكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بولۇپ، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىش، سىرتقا چىقىش پۇقرالارنىڭ ‹‹ئارزۇسى››لا ئىدى.

   پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، شىنجاڭ ئاۋىئاتسىيىسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش شامىلىنى كۈتۈۋالدى. ترانسپورت كۈچىدە ساقلانغان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئەينى چاغدا تەدبىر قوللىنىپ، قەرز پۇلغا  ‹‹154–TU›› بەلگىلىك چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار رېئاكتىپ ئايروپىلانىدىن بەشنى سېتىۋالدى، ئاندىن يەنە ‹‹ئېر – 86›› بەلگىلىك كەڭ گەۋدىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىدىن ئۈچنى سېتىۋېلىپ، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، چېڭدۇ قاتارلىق لىنىيىلەرگە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ‹‹ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىش تەس بولۇش››، ‹‹شىنجاڭدىن چىقىش تەس بولۇش›› مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ شىنجاڭ بازىرىنى تالىشىشى  ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈردى

   2002 – يىلى ئاۋىئاتسىيە بازىرى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ دۆلەت ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئىچىدە ئايروپورتى ھەممىدىن كۆپ، ئاۋىئاتسىيە لىنىيە مەنبەسى ئەڭ مول رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، خەينەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، شاڭخەي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قاتارلىق بىر قانچە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنى شىنجاڭ بازىرىنى ئېچىشقا جەلپ قىلدى، بولۇپمۇ شىنجاڭ تەۋەلىكىدىكى بىرقانچە ساياھەت تارماق لىنىيىسى  ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى تالىشىدىغان ‹‹تورت›› قا ئايلاندى. ھازىر دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى 44 ئاۋىئاتسىيە شىركىتى شىنجاڭدا تىجارەت قىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن، شىنجاڭدا ئاۋىئاتسىيە ترانسپورت كەسپىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ.

   ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شىنجاڭدىكى بىردىنبىر 1 –  دەرىجىلىك ئايروپورت بولۇپ، بېشكەك، ئالمۇتا، ئىسلامئاباد، موسكۋا، يېڭى سىبېرىيە قاتارلىق خەلقئارا شەھەر ۋە جۇڭگودىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەر بىلەن ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى ئاچقان. بىر قىسىم ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى شىنجاڭغا كىرىش ئۈچۈن بەس – بەستە ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى ئېچىپ، يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى ساياھەتچىلەرنى تالاشقاندىن سىرت، يەنە ئاسىيا – ياۋروپا خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىنى سىناق تەرىقىسىدە ئېچىپ، ئۈرۈمچىنى ئۆتەڭ قىلدى.

   نۇرغۇن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى لىنىيە ئېچىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىپ، سېتىش تورى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ياخشىلاپ، خەلقنى ئەڭ زور نەپكە ئېرىشتۈردى.

مۇكەممەل ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى تورى دۇنيانى يەنىمۇ كىچىكلەتتى

   ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى تورىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشى، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭلىقلار نەزەرىدىكى دۇنيا كۈندىن – كۈنگە كىچىكلەشكە باشلىدى. شىنجاڭ ‹‹جىنفۇ – شياڭشېڭ›› سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ جىن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كىشىلەر 1000 چاقىرىم ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي  دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ساتاتتى، ھازىر مەن 10 مىڭ چاقىرىم ئارىلىقنىمۇ يىراق كۆرمەي سودا قىلىۋاتىمەن. 1997 –  يىلىدىن باشلاپ، ليۇ جىن دېڭىز ياقىسىدىكى شەھەرلەرنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، يېڭى ئۈزۈلگەن گۈللىرىنى شىنجاڭغا، شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ئايروپىلان بىلەن يۆتكىدى. ئۇ: ئاۋىئاتسىيە ترانسپورتىنىڭ تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشى ماڭا سودا پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، دېدى.

   ھازىر شىنجاڭ تەۋەلىكىدە 75 ئايروپىلان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ترانسپورت ئايروپىلانىدىن 38ى بار، خەلقئارا ۋە رايون، دۆلەت ئىچى ھەم شىنجاڭ تەۋەلىكىدە ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىدىن 155 ى ئېچىلدى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش،  ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىدىن 145 ى كۆپەيگەن بولۇپ، يولۇچى توشۇش مىقدارى 128 ھەسسە ئاشتى.

   شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ بازا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبە شىركىتى بۇنىڭدىن كېيىن بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يېڭى خەلقئارالىق ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىنى داۋاملىق ئېچىپ، ئالمۇتا، بېشكەك، يېڭى سىبېرىيە قاتارلىق لىنىيىلەردە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىپ، ئۈرۈمچى تۈگۈنى بىلەن گۇاڭجۇ، بېيجىڭ يادرولۇق تۈگۈنى ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ تەۋەلىكىدىكى ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى تورىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەندىن سىرت، ئايلانما  ئۇچۇشنى قولغا كەلتۈرىدۇ. شىنجاڭدىن ئىبارەت شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇنبەت تۇپراقنىڭ ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىدە ئۇچىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ سانى مۇقەررەر كۆپىيىدۇ؛ شەرق بىلەن غەربنىڭ ئىقتىساد – مەدەنىيەت ئالاقىسى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ‹‹يىپەك يولى›› تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك شەكىلدە جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ ئىقتىساد – مەدەنىيەت ئالاقىسىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ