|
. روسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ 5 – ئىيۇل گروزىيە زۇڭتۇڭى ساكاشۋېلىنى رايون ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى.
. موڭغۇلىيە پايتەختى ئۇلانباتۇردا 6 – ئىيۇل سائەت نۆلدە جىددىي ھالەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي تەرتىپ نورماللاشتى.
. ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئەمەلدارىنىڭ 6 – ئىيۇل ئېيتىشىچە، باغدادتا شۇ كۈنى ساقچىلارنىڭ چارلاش ئەترىتى نىشان قىلىنغان ‹‹ئاپتوموبىلبومبا›› پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئالتە كىشى قازا قىلغان، 14 كىشى يارىلانغان.
. ب د ت نىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە كېلىشتۈرگۈچسى روبېرت سېرېي 5 – ئىيۇل ئومماندا پەلەستىننىڭ ئىچكى يارىشىشنى تېزرەك ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى.
. ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇكۇدا ياسىئۇ 6 – ئىيۇل: سەككىز دۆلەت گۇرۇھى كىلىمات مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىدى، دېدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|