باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
جەنۇبىي شىنجاڭدا بۇ يىل491 قۇدۇق قېزىلدى
2008- 07- 08 11:42 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىگەن خەۋىرىگە قارىغاندا: ئاپتونوم رايونىمىزدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئوڭۇشلۇق بولماقتا، ھازىرغا قەدەر قېزىلغان قۇدۇق 491 گە، ئەمەلىي سېلىنغان مەبلەغ 87 مىليون 570 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3 – ئايدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتا يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشىنىڭ يىللىق لايىھىسىنى تەستىقلاپ، پىلان بويىچە بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭدا يۈرۈشلۈك قۇدۇقتىن 1289 نى، ئۆلچەش قۇدۇقىدىن 48 نى قازدۇرۇپ، يەردىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرمەكچى بولغان. ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى قۇدۇق قېزىش ياردەم پۇلى ئۈچۈن 1 – تۈركۈمدە 100 مىليون يۈەن ئاجراتقان. ھازىر شايار، باي ناھىيىلىرى ۋە كۇچا نەسىللىك قوي فېرمىسى خېرىدار چاقىرىش – چىقىش لايىھىسىنى تۈزۈۋېتىپتۇ، تۈرنى ئۈستىگە ئالغان باشقا 39 ئورۇن يېڭىدىن ياسىلىدىغان قۇدۇقنىڭ خېرىدار چاقىرىش – چىقىش خىزمىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى باشلاپتۇ. ياسالغان يۈرۈشلۈك 491 قۇدۇق ئىچىدە 278 قۇدۇق كۆپ ھوسۇل بېرىدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئاشلىقنى قايتا تېرىش كۆلىمىنى ئاشۇرۇپ، باغ – ئورماندىكى تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتكىلى بولىدىكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ