باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرى بېيجىڭ ئو ت م نىڭ مېۋە سېتىش رايونىغا كىردى
2008- 07- 08 11:39 شىنجاڭ گېزىتى

    قەشقەرنىڭ ئۆرۈكى، ‹‹كىرورەن ئىلاھى›› ناملىق قوغۇن، تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى، كورلىنىڭ نەشپۈتى، ئاقسۇنىڭ ناۋات ئالمىسى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مېۋىلىرى بېيجىڭدا بازار تاپتى. بېيجىڭ ئاھالىلىرى سۈپىتى ياخشى، تەمى ئۆزگىچە بولغان شىنجاڭ مېۋىلىرىنى تالىشىپ سېتىۋالدى. بېيجىڭ ئو ت م نىڭ مېۋە سېتىش رايونىنىڭ باش دېرىكتورى چېڭ يىمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹پەقەت بېيجىڭ ‹‹شىنفادى›› ئو ت م مېۋە سېتىش رايونىدا ھەر كۈنى ئۈچ توننىغا يېقىن شىنجاڭنىڭ مېۋىسى سېتىلىۋاتىدۇ››.

   ‹‹مېۋە – چېۋە ماكانى›› دېگەن نامى بار شىنجاڭنىڭ يىللىق مېۋە ھوسۇلى ئېلىمىز مېۋە ھوسۇلىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەپ، ئىسمى – جىسمىغا لايىق مېۋە بازىسىغا ئايلاندى. لېكىن ترانسپورت قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شىنجاڭنىڭ ئېسىل مېۋىلىرىنىڭ سېتىلىشى تېخى كۆلەملەشمىدى. بۇ يىلدىن بۇيان، ‹‹شېڭخې›› شىركىتى ۋە بېيجىڭ ‹‹شىڭفادى›› يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى بىرلىكتە قۇرغان ‹‹ئو ت م مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مېۋىلەرنى مەخسۇس سېتىش رايونى››نىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئو ت م تەۋسىيە قىلغان مېۋىلەرنىڭ بېيجىڭ بازىرىغا كىرىشىگە يېشىل كارىدور ئېچىپلا قالماي، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مېۋىلىرىنىڭ سېتىلىشىغىمۇ سورۇن ھازىرلاپ بەردى.

   بازىرى ئىتتىك شىنجاڭ مېۋىلىرىنىڭ ئىچىدە قەشقەرنىڭ ئۆرۈكى تۇنجى قېتىم بېيجىڭغا ئايروپىلان ئارقىلىق توشۇلدى.

   چېڭ يىمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆرۈكنى ساقلاش تەس بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بازارغا سېلىنغان ئۆرۈكنىڭ يېڭىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئايروپىلان بىلەن توشۇش شەكلىنى قوللاندۇق. قەشقەرنىڭ ئۆرۈكى ئو ت م مېۋىلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە ئو ت م تەۋسىيە قىلغان مېۋىلەرنىڭ 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەچكە، پايتەختتىكى ئاھالىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بازارغا سېلىنغان يېڭى ئۆرۈكلەرنىڭ بىر جىڭى توققۇز يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، تۇنجى قېتىم بېيجىڭ بازىرىغا كىرگەن 200 نەچچە يېشىك قەشقەر ئۆرۈكى سېتىلىپ بولدى.

   ھازىر شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بېيجىڭنىڭ ‹‹شىڭفادى›› بازىرىدا كۆلەملەشتۈرۈپ، كەسىپلەشتۈرۈپ سېتىشتا دەسلەپكى قەدەم بېسىلدى. شىنجاڭ ‹‹جۇڭلۈ›› يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، ‹‹شېڭخې›› ئو ت م مېۋىلىرىنى مەخسۇس سېتىش رايونى ‹‹شىڭفادى››غا ماكانلاشتى، شىنجاڭ ئالاھىدە مېۋىلىرىنى مەخسۇس سېتىش رايونىمۇ قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، شىنجاڭ مېۋىلىرىنىڭ بېيجىڭدا سېتىلىشىدىكى مۇھىم كارىدورغا ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ مېۋىچىلىكىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، پايتەختتىكى خەلقنىڭ ئىستېمالىنى بېيىتىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ