باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
مەملىكەتلىك رادىئو–كىنو–تېلېۋىزىيە ئىدارىسى باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى
2008- 07- 08 11:36 شىنجاڭ گېزىتى

 ۋاڭ لېچۈەن يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

    مەملىكەتلىك رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنى 6 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. سۆھبەت يىغىنىدىن ئىلگىرى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، لى يى، بەي جىجيې، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

   ۋاڭ لېچۈەن يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنى قارشى ئالدى، ۋەكىللەرنىڭ شىنجاڭدىكى مەزگىلدە ئەمەلىي تەسىراتلىرى ئارقىلىق شىنجاڭغا بولغان چۈشىنىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلدى.

   مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە  باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ تەيخۇا، دۆلەت رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن جاۋ شى، جاڭ خەيتاۋ، خۇ جەنفەن، تيەن جىن، جاۋ خۇايۇڭ، ۋاڭ گېڭنيەن، ۋاڭ چيۇ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللادىن بۇيان، دۆلەت رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شىزاڭ – شىنجاڭ قۇرۇلۇشى، ھەممە كەنتكە رادىئو – تېلېۋىزۇرسىگىنالى يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، يېزىلاردا كىنو قويۇش قۇرۇلۇشى، تېلېۋىزىيىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ئوڭۇشلۇق بولماقتا، سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا؛ يۇقىرىقى قۇرۇلۇشلارنىڭ چوڭقۇر، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلىشىغا ئەگىشىپ پارتىيىنىڭ ساداسى چەت، يىراق يېزا – قىشلاقلاردىكى ئون مىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلۈپ، ئاساسىي قاتلام يېزا – قىشلاقلاردىكى رادىئو –  تېلېۋىزىيىدىن ئىبارەت بۇ ئىدېئولوگىيىدىكى مۇھىم بازا مەھكەم ئىگىلەندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭ ‹‹چىقىرىش قۇرۇلۇشى››نى يولغا قويۇشنى تېزلەتتى. ھازىر شىنجاڭنىڭ رادىئو – تېلېۋىزىيە پروگراملىرى ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، مۇڭغۇلىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئاڭلىتىلىپ ۋە كۆرسىتىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە جۇڭگونىڭ شىنجاڭىنى تۇنۇشتۇرىدىغان كۆزنەك ۋە سۇپىغا ئايلاندى. شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار بۇنىڭدىن كېيىن رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە قاتارلىق مەدەنىيەت نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ. دۆلەت رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىكى رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە تارماقلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ