|
بۇ يىل ئەتىيازدىن 6 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە 1 مىليون 281 مىڭ 150 مو يەردىكى زىرائەت ئوخشىمىغان دەرىجىدە قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاشلىق زىرائىتى 880 مىڭ موغا، باغ – ئورمان 300 مىڭ موغا، باشقا زىرائەت 101 مىڭ 145 موغا يېتىپ، جەمئىي 64 مىليون يۈەندىن ئارتۇق بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلدى.
ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكىلەر بۇ يىلقى قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە قارىتا سۇنى تېجەشلىك ئىشلىتىش، نورمىلىق ئىشلىتىش، ئېقىن سۈيى، يەر ئاستى سۈيى، زەي سۇدىن تەڭ پايدىلىنىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەكتە كونترول قىلدى. ۋىلايەت بويىچە جەمئىي 82 مىليون 600 مىڭ يۈەن قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش مەبلىغى ئاجرىتىلىپ، يېڭىدىن 505 ئورۇندا ماشىنىلاشقان قۇدۇق قېزىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ۋاقتىدا تاماملىنىشىغا، تۈرلۈك زىرائەتلەرنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئېغىر قۇرغاقچىلىق كۆرۈلگەندىمۇ يېزا ئىگىلىكىدىن ئومۇميۈزلۈك مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.
|