باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايون 1مىليارد273مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭىچە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتى قۇرىدۇ
2008- 07- 08 11:34 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون بۇ يىلدىن 2010 – يىلىغىچە 1 مىليارد 273 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭىچە ئىجتىمائىي كاپالەت ئاپپاراتى قۇرىدىكەن. خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ تەدبىر ئاپتونوم رايون بويىچە يېتىم بالىلار، تاشلىۋېتىلگەن بالىلار ئاپپاراتلىرىنىڭ بالا بېقىش نىسبىتىنى %60 كە، يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ياشانغانلارنى يىغىپ بېقىش نىسبىتىنى % 50 كە يەتكۈزىدىكەن.

   ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتى 850 كە يېتىپ، ئائىلىدە ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئاساس، پاراۋانلىق مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى بېقىشنى تايانچ، مەھەللىدە ھاۋالىلىك بېقىشنى ئاساس، ياشانغانلار ۋە يېتىم بالىلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مۇلازىمەت سىستېمسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپتۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ