باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
شىنجاڭدىكى كىچىك ئوت ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى تاقىۋېتىشتە ئەمەلىي قەدەم تاشلاندى
2008- 07- 08 11:28 شىنجاڭ گېزىتى

   1 – ئىيۇل سائەت 18دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، خۇاديەن گۇرۇھى قۇمۇل ئېلېكتر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 1 – نومۇرلۇق سوۋۇتۇش مۇنارىنىڭ 1 – ، 2 – ، 4 – نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك پارتلىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى كىچىك ئوت ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى تاقاشتا ئەمەلىي قەدەم تاشلاندى.

   دۆلەتنىڭ ‹‹ياخشىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، كىچىكلىرىنى تاقاش، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش›› سىياسىتى  بويىچە خۇاديەن گۇرۇھى قۇمۇل ئېلېكتر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بۇ يىل 30 – ئىيۇندىن بۇرۇن 1 – ، 2 – نومۇرلۇق پار تۇربىنىسى، گېنېراتور، قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەر ۋە 4 – نومۇرلۇق ترانسفورماتورنى چېقىش – تاقىۋېتىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى. گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى توختىتىلغاندىن كېيىن، يىلىغا 235 توننا گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدى، 112 توننا ئىس – توزان، 281 توننا ئازوتلۇق بىرىكمە ئاز قويۇپ بېرىلىدۇ.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىقتىساد – سودا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ پارتلىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ