باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئۇلار كېسەللەرگە غەمخورلۇق قىلدى، دوختۇرخانىلارغا تېخنىكا قالدۇردى
2008- 07- 08 11:25 شىنجاڭ گېزىتى

 ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ شىنجاڭدىكى خىزمەتلىرى توغرىسىدا(1)

   خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تاشقى كېسەللەر 1 – ، 2 – ، 3 – ، 4 –  بۆلۈملىرى ھازىر ئايرىم – ئايرىم ھالدا سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش كېسەللىرى بۆلۈمى، كۆكرەك تاشقى كېسەللىرى بۆلۈمى، ئۆسمە كېسەللىرى بۆلۈمى، سۆڭەك بۆلۈمى، يارا – جاراھەت بۆلۈمى، نېرۋا تاشقى كېسەللىرى بۆلۈمى قاتارلىقلارغا ئۆزگەرتىلدى. بۆلۈم ئىسمىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن كېسەللەر ئۆزلىرىنىڭ قايسى بۆلۈمگە كۆرۈنۈشى كېرەكلىكىنى ئېنىق بىلىۋالدى، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش قەۋەتلەرگە چىقىپ – چۈشۈپ قايسى بۆلۈمگە كۆرۈنۈشنى قايتا – قايتا سوراپ، تېنەپ يۈرمەيدىغان بولدى.

    ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۆلۈم ئىسمىنى ئۆزگەرتىش، بۆلۈم كەسپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش ھەرگىزمۇ ئاددىي ئىش ئەمەس، بۇ ئىش دوختۇرخانىنىڭ ھەر قايسى كەسپىي ساھەدە داۋالاش فۇنكسىيىسىنىڭ روشەن ئاشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئىلگىرى ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، خۇددى قانداق كېسەل بولسا كۆرەلەيدىغاندەك، ئەمما مۇرەككەپ كېسەل ئەھۋالىغا دۇچ كەلگەندە ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق بولۇشتەك ئەھۋال مەۋجۇت ئىدى، ‹‹ھەرقانداق ئىشنى قىلالايدىغان، ئەمما ھېچقانداق ئىشقا ماھىر بولمىغان››  بۆلۈملەر دوختۇرلارنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسىز. شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن دوختۇرلارنىڭ ياردىمىدە، دوختۇرخانىنىڭ بۇ بىر قانچە يىلدىكى كەسپىي سەۋىيىسى ناھايىتى تېز ئۆستى، دېدى دوختۇرخانا باشلىقى مياۋ شىنرۇڭ.

   جېجياڭدىن كەلگەن خۇ شۆليې  قان تومۇر ئارقىلىق كىرگۈزۈش مۇتەخەسسىسى بولۇپ، شىنجاڭغا بۇلتۇر 3 – ئايدا كەلگەن، ئۇ 5 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن دوختۇر. خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يۈرەك ئىچكى كېسەللىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئۇ ئوپېراتسىيىنى كۆپ قىلىپ يەرلىك دوختۇرلارنى ئۆگىنىش ۋە پراكتىكا قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۈرەك ئوپېراتسىيىسى مەشغۇلات ماھارىتىنى ئۆستۈردى. بۇلتۇر 8 – ئاينىڭ 7 – كۈنى سائەت 10 دا، خۇ شۆليې ئوپېراتسىيىخانىغا كىردى. بۇ كۈنى ئۇ ئۇدا تۆت قېتىم يۈرەك ئوپېراتسىيىسى قىلاتتى، بىر نەچچە ياش دوختۇر ئوپېراتسىيىنى كۆرگىلى كىردى، بۇنى خۇ شۆليې تەلەپ قىلغانىدى. ئۇ ئوپېراتسىيە قىلسىلا چوقۇم بىر نەچچە ياش دوختۇرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا قايتا – قايتا كۆرسىتەتتى، بەزىدە ئۇلارنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا قاتناشتۇراتتى.

    ئىلگىرى، دوختۇرخانىمىز ھەر ئايدا ئۈرۈمچىدىن مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىپ يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ داۋالاشقا ئۇيۇشتۇراتتى، خۇ دوختۇر كەلگەندىن كېيىن مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىپ باقمىدۇق، ئاغرىقلارمۇ ئۈرۈمچىگە بېرىپ كېسەل كۆرسەتمەيدىغان بولدى. ھازىر دوختۇرخانىمىز   يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ داۋالىيالايدىغان بولدى، داۋالاش ئىقتىدارىمىزمۇ روشەن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، دوختۇرخانىمىزدا 100نەچچە كىشى يۈرەك ئوپېراتسىيىسى قىلدۇردى، خۇ دوختۇر ئۆزىلا 70نەچچە ئوپېراتسىيىنى قىلدى، دېدى يۈرەك كېسەللىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قادىر ھېمىت.
دوكتور دىڭ گوچىڭ جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ تارماق دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن بولۇپ، خۇ شۆليې بىلەن بىر تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن دوختۇر. ئۇ نۇرغۇن ئوپېراتسىيىلەرنى قىلغاندىن باشقا خوتەن ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىنىڭ كۆكرەك تاشقى كېسەللىرى بۆلۈمى، ئۆسمە كېسەللىرى بۆلۈمى ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش ئەزاسى كېسەللىرى بۆلۈمىنىڭ كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلەش، تېما تەتقىقاتى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى. يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىتتا ئۇ بۆرەككە چۈشكەن تاشنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسىدىن 70 نەچچىنى قىلدى، يەنە دوختۇرلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى ھەسسىلىك ئېلېكترون مىكروسكوپتا ئۆسمىنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق پەن تەتقىقات تېمىسىنى تەتقىق قىلىپ، بۇ يەرنىڭ تېببىي ساھەسىدىكى نۇرغۇن بوشلۇقنى تولدۇردى.

   قەشقەر ۋىلايىتىدە گلاۋكوما ۋە كاتاراكتا كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار كۆپ. داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى يېتەرسىز، تېخنىكا سەۋىيىسى قالاق بولغانلىقتىن،  ئاغرىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۈرۈمچىگە بېرىپ داۋالىنىشقا مەجبۇر بولاتتى. تيەنجىن شەھەرلىك كۆز كېسەللىرى دوختۇرخانىسىدىكى پېشقەدەم مۇتەخەسسىس مېڭ شيەنرۈي كېلىشتىن ئىلگىرى، قەشقەر ۋىلايەتلىك 2 – خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كۆز كېسەللىرى بۆلۈمىدە ھەتتا ئېلېكترون مىكروسكوپمۇ يوق ئىدى، ئوپېراتسىيىگىمۇ ئادەتتىكى ناركوز ئوكۇلى ئىشلىتىلەتتى. مېڭ شيەنرۈي شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن مەزگىلدە، ئاددىي شارائىتتا ئامالنىڭ بارىچە نۇرغۇن ئاغرىقنىڭ كۆز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتتى، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كۆز كېسەللىرىنىڭ ھەممىسى ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن ناھايىتى ئۇستا بىر مۇتەخەسسىسنىڭ بارلىقىنى بىلىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ دوختۇرخانىنىڭ كۆز كېسەللىرى بۆلۈمىنىڭ نوپۇزى تېز ئۆستى. 2005 – يىلى 7 – ئايدا، ئېر چىدۇڭ 80 نەچچە ياشلىق ئاپىسى ۋە خوتۇنى بىلەن خوشلىشىپ، خەيخې ساھىلىدىن يەكەن دەرياسى ۋادىسىدىكى پوسكام ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، كىلىنىكا تاشقى كېسەللىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى بولدى. بۇلتۇر ئىيۇلنىڭ بىر كۈنى ئەتىگىنى قاتناش ۋەقەسىدە يارىلانغان ئۈچ يارىدار دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىندى. ئەمدىلا ئۇخلىغان ئېر چىدۇڭ تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا تېزلىكتە يېتىپ كەلدى، – دە، ئوپېراتسىيىخانىغا كىرىپ كەتتى. ئوپېراتسىيە سەككىز سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشتى، ئۈچ يارىدارنىڭ ھاياتى خەۋپتىن قۇتۇلدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش جەھەتتە، ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، ئاشقازان راكىنى يىلتىزىدىن ساقايتىش، ئۈچەي ئۇلاش، ئاخىرقى باسقۇچتىكى ئۈچەي راكى ئوپېراتسىيىسى قاتارلىق چوڭ ئوپېراتسىيىلەردىن 130 نەچچىسىگە قاتنىشىپ، كېسىلى ئېغىر  40 نەچچە كىشىنى  قۇتقۇزۇۋالدى.

   بۇلتۇر 3 – ئايدا ئېر چىدۇڭنىڭ ئاپىسى كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلدى، ئۇ تيەنجىنگە قايتىپ ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇپلا شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى. زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن دوختۇرخانىغا قايتىپ كەلگەن كۈنى بۆرەككە تاش چۈشۈش، بۆرەك سانجىقى كېسىلى قوزغىلىپ قالدى، ئەمما ئۇ بىر قانچە بوتۇلكا ئاسما ئوكۇل ئۇرغۇزۇپلا يەنە خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى. شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن دوختۇرلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە ئوخشىمىغان سەرگۈزەشتلىرى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بىرلا ئورتاق ئارزۇسى بار، ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە پۈتۈن نىيىتى بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىسى، بىلىمى، ماھارىتىنى بۇ يەرگە قالدۇرۇپ كېتىش. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەزگىلىدە، ئۇلار كوللېكتىپنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزىلارغا بېرىپ ھەقسىز داۋالاش، سەييارە كېسەل كۆرۈش، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاشنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كۆپ قېتىم قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت، شۇنداقلا ئىچكىرى ئۆلكىدىكى خەلقنىڭ چېگرا رايون ۋە ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىنى ئۆزلىرىنىڭ تېببىي تېخنىكىسى ۋە مۇلازىمىتىدە ئەكس ئەتتۈردى. بۇلتۇر 8 – ئايغا قەدەر، جېجياڭ ئۆلكىسى ۋە بېيجىڭ شەھىرى خوتەن ۋىلايىتىگە 100 نەچچە دوختۇرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى بۇ ۋىلايەتنىڭ سەككىز ناھىيە، بىر شەھىرىدىكى دوختۇرخانىلاردا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇردى. شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن بۇ دوختۇرلار مۇھىتقا ناھايىتى تېز ماسلىشىپ، خىزمەت، ئۆگىنىشتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دوختۇرخانىنىڭ غوللۇق خادىملىرىغا ئايلاندى. داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قىس، تېخنىكا ۋاسىتىلىرى قالاق ئەھۋالدا، ئۇلار ئامالنىڭ بارىچە نۇرغۇن ئېغىر، چوڭ، قىيىن ئوپېراتسىيىلەرنى قىلىپ، يەرلىكتىكى تېببىي، سەھىيە ساھەسىنىڭ نۇرغۇن تۈردىكى تېخنىكا بوشلۇقلىرىنى تولدۇردى، بەزى تېخنىكا نەتىجىلىرى، ھەتتا دۆلىتىمىزدىكى ئىلغار سەۋىيىگە يەتتى.قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن سەككىز دوختۇر ئىككى يىل ئىچىدە تۈرلۈك ئوپېراتسىيىدىن 500 نەچچىنى قىلدى، 70 نەچچە قېتىم كېسىلى ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇشقا قاتناشتى، يېتەكچىلىك قىلدى، ئون نەچچە قېتىم يېزىغا چۈشۈپ سەييارە داۋالاشقا قاتناشتى ۋە كېسەل كۆردى.شاڭخەي شەھىرى ۋە خېنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن دوختۇرلار ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تۈرلۈك كېسەللەردىن  10 مىڭدىن كۆپ ئادەم(قېتىم) داۋالىدى، 350 مىڭ يۈەنلىك دورىنى ھەقسىز تارقاتتى، 2100 دىن كۆپ كاتاراكتا كېسىلىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۇلارغا قايتىدىن يورۇقلۇق ئاتا قىلدى. ئون نەچچە يىلدىن بويان، ئاۋات ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلار قانات يايدۇرغان يېڭى تۈر، يېڭى تېخنىكىلارنىڭ ئىچىدە تۆت تۈر دۆلەتنىڭ ئىلغار سەۋىيىسىگە، ئون تۈر ئۆلكە، شەھەر سەۋىيىسىگە يەتتى، يەنە 40 نەچچە نەپەر  غوللۇق تېخنىك خادىم شاڭخەيدىكى چوڭ دوختۇرخانىلارغا بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلدى.

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ