|
ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى رېس 29 – ئىيۇن 60 نەچچە كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ سىچۇەنگە كېلىپ، جۇڭگودىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. جامائەتچىلىك مۇنداق قارىدى: ھازىرغا قەدەر جۇڭگودىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوننى زىيارەت قىلغان ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولغان رېس ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزمەكچى، بۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق؛ جۇڭگو رېسنىڭ شەرقىي ئاسىيا سەپىرىدىكى 3 – بېكىتى بولۇپ، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، چاۋشيەننىڭ يادرو قورالىدىن ئومۇميۈزلۈك ۋاز كېچىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشرېسنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى.
رېيتېر ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رېس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 29 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن چېڭدۇ ‹‹شۇاڭليۇ›› خەلقئارا ئايروپورتىغا كېلىپلا، ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان دۇجياڭيەنگە قاراپ يول ئالغان. رېس ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىغان، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردىكى بالىلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئويۇنىنى كۆرگەن. تۆت سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئامېرىكىدىكى ئەلئارا تەشكىلات ياردەم قىلغان سۇ پاكىزلاش تۈرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان.
رېس جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇ نەق مەيداندىكى مۇخبىرلارغا: جۇڭگونىڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۈرئىتى كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى كۈچى زور ئاپەت ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، دېدى. رېس ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى خېنرىت فولنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى باشلاپ سىچۇەندە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى شەخسىي شىركەت ئىگىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا جۇڭگوغا 1 مىليون 500 مىڭ دوللار ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بەرگەن، ئەگەر ئامېرىكا تەمىنلىگەن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنىڭ كىرا ھەققىنى قوشقاندا، ئامېرىكا جۇڭگودىكى ئاپەت رايونىغا 3 مىليون 700 مىڭ دوللار ياردەم قىلغان.
رېس ئارقىدىن بېيجىڭغا بېرىپ، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەشتى.
چاۋشيەننىڭ سوۋۇتۇش مۇنارىنى پارتلىتىۋېتىشى ئىنتايىن مۇھىم ئىش بولسىمۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ، چۈنكى چاۋشيەن ئامېرىكىنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگەتكىنى يوق، يەنى چاۋشيەن يادرو قورالى پىلانى تىزىملىكىنى مەلۇم قىلغاندا ئۇران قويۇلدۇرۇش ۋە يادرو قورالىنى كېڭەيتىۋېتىش مەسىلىسىنى چۈشەندۈرمىگەن.
چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇش نىشانىغا يېتىشكە تېخى خېلى ئۇزاق ۋاقىت بولسىمۇ، چاۋشيەننىڭ يادرو تىزىملىكىنى سۇنغانلىقى ۋە سوۋۇتۇش مۇنارىنى پارتلىتىۋېتىشى ئۇنىڭ سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەپ بەردى، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالدى.
چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىدە بۆسۈش بولدى، ئامېرىكا ۋەدىسى بويىچە 45 كۈنگىچە چاۋشيەننى ‹‹تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر›› تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋېتىدۇ. بۇ، ياپونىيىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، بەزى سىياسەتۋازلار بۇش ھۆكۈمىتىنى چاۋشيەنگە ‹‹بەك يۇمشاقلىق قىلدى››، دەپ تەنقىد قىلدى، بەزىلەر ھەتتا ‹‹ئامېرىكا – ياپونىيە ئىتتىپاقىغا دەز كەتتى››، دېدى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ياپونىيىنىڭ پوزىتسىيىسىنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ياپونىيە تۇتقۇن قىلىنغان ياپونىيىلىكلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ‹‹تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر›› تىزىملىكىنى دەستەك قىلىپ، چاۋشيەنگە بېسىم ئىشلەتكەن. ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەننى ‹‹تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر›› تىزىملىكىدىن ئۆچۈرمەكچى بولۇشى ياپونىيىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ‹‹يەرشارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|