|
.كورىيە زۇڭتۇڭى لى مىڭبو 7 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئىچكى كابېنتنى قىسمەن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ 3 مىنىستىرىنى ئالماشتۇردى، زۇڭلى خەن شېڭجۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ئىچكى كابېنت ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىسىدە ئۆزگىرىش بولمىدى.
.ياپونىيە يېنىنىڭ كۇرسىنىڭ چۈشۈشى ۋە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى بەزى ئاساسلىق پاي چېكى بازارلىرىنىڭ ئۆرلىشى تۈپەيلى، 7 – ئىيۇل توكيو پاي چېكى بازىرىنىڭ كۈندۈلۈك پاي كۆرسەتكۈچىسى 12 سودا كۈنى ئۇدا چۈشۈش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىپ، 0.92 پىرسەنت ئاشتى.
.فرانسىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى قارمىقىدىكى فرانسىيە دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزى يېقىندا تور پونكىتىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 14 – كۈنىدىكى دۆلەت بايرىمى كۈنىدە، 21 ئورۇندىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساقلانغان باغچىلارنى ھەقسىز ئېچىۋېتىپ، ئاممىنى دالا تامىقى بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلدى.
.ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوتتۇرا شەرق رايونى دۇنيا بويىچە ئەڭ جانلىق دېڭىز ترانسپورت مەركىزىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، نۆۋەتتە، قۇرۇلۇۋاتقان پورت تۈرى سانى 50 گە، سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 33 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
.ياپونىيە مەركىزىي بانكىسى — ياپونىيە بانكىسىنىڭ باشلىقى بەيچۈەن فاڭمىڭنىڭ 7 – ئىيۇل بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارادا تاۋار باھاسى سىجىل ئۆرلىگەچكە، يەر شارى خاراكتېرلىك پۇل پاخاللىشىشنىڭ خېيىم - خەتىرىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئاشقان.
.گىرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ يېقىندا گىرمانىيە ترانسپورت، قۇرۇلۇش – بىناكارلىق ۋە شەھەرلەر تەرەققىياتى مىنىستىرىنىڭ سۆزى نەقىل قىلىنغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھاسىلىي ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت دېڭىزدا 30 شامال ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇشنى پىلانلىغان.
.ئەرەب پۇل – مۇئامىلە تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيە خان جەمەتى خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتىدا، دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دائىملىق تۈرلىرىدا قالدۇق پايدا ئۈزلۈكسىز ئاشقانلىقى، 2008 - يىلى ئۇلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مالىيە فوندى كۆلىمىنىڭ 20 پىرسەنت ئېشىشىدا ئۈمىد بارلىقى كۆرسىتىلگەن.
.تايلاند قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئالىي قوماندانى گېنىرال پولكوۋنىك ۋېنسىن 7 – ئىيۇل بانكوكتا ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئارمىيە تەرەپنىڭ شاما ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئىنكار قىلدى، ھەمدە، نۆۋەتتە ئارمىيە ئىچىدە سىياسىىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا مۇناسىۋەتلىك ھىچقانداق ئالامەت كۆرۈلمىدى، دېدى.
.ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان ‹‹دۆلەت زىمىن گېزىتى››نىڭ 7 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە قورال– ياراق شىركىتى بولغان لافېر قورال تەرەققىيات ئىدارىسى يېقىندا ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىدا تەتقىق قىلىپ ياساۋاتقان قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىنى سىناق قىلغان ۋە مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكەن.
·ئىراقلىق بىر ئايال 7 – ئىيۇل چۈشتىن ئىلگىرى باغداتنىڭ شىمالىدىكى دىيار ئۆلكىسىدە ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ۋەقەسى سادىر قىلىپ، 9 كىشىنىڭ ئۆلۈشى ۋە 14 كىشىنىڭ يارىلىشىنى كەلتۈرپ چىقارغان.
·ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپ تۈنۈگۈن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى شەھەر نابلۇسقا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان، ھەمدە شەھەر ئىچىدىكى پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) بىلەن ئالاقىسى بار دەپ ئەيىپلەنگەن 4 ئورگاننى تاقىغان.
|