|
4 – نۆۋەتلىك قەشقەر سودا يەرمەنكىسى بەش كۈن داۋاملىشىپ، 2 – ئىيۇل ئاياغلاشتى. يەرمەنكىدە قەشقەر ۋىلايىتى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى سودىگەرلەر بىلەن 273 تۈردە 14 مىليارد 25 مىليون يۈەنلىك توختام ئىمزالاپ، قەشقەر سودا يەرمەنكىسىدىن يەنە بىر قېتىم ‹‹مول ھوسۇل›› ئالدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە مەبلەغ سېلىش تۈرىدىن 254ى ئىمزالانغان بولۇپ، ئىمزالانغان تۈر سوممىسى 13 مىليارد 530 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، توختام 185، كېلىشىم 69 بولۇپ، 1 – كەسىپ تۈرى 11، 2 – كەسىپ تۈرى 170، 3 – كەسىپ تۈرى 73، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالىدىغان تۈر ئۈچ، مەبلەغ سوممىسى 275 مىليون يۈەن، دۆلەت ئىچىدىكى سودىگەرلەر بىلەن ئىمزالانغان كېلىشىم 16، مەبلەغ سوممىسى 220 مىليون يۈەن بولغان. توختام ئىمزالانغان تۈرلەر يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە تۈرلەر ۋە كان مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش، سودا ئوبوروتى قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەرگە چېتىشلىق بولۇپ، مەبلەغ سېلىش دائىرىسى زور دەرىجىدە كېڭەيگەن.
‹‹كۆلىمى زور، سۈپىتى يۇقىرى، شەكلى يېڭى، جەلىپكارلىقى كۈچلۈك، ئالاھىدىلىكى روشەن، تەسىر دائىرىسى كەڭ بولۇش›› بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولدى. يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىدە قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىك، ماركا ئېڭى، يېڭى تېخنىكىلارنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەر ئومۇميۈزلۈك گەۋدىلەندۈرۈلدى. مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى، توقۇلما بۇيۇملار، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ھەر ساھە، ھەر كەسىپكە چېتىلىپ، يەرمەنكىنىڭ رەڭدارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.
قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيسى، قەشقەر سودا يەرمەنكىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ سەنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ئىككى خىل بازار ۋە ئىككى خىل بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ قەشقەرنى ‹‹غەربكە ئېچىۋېتىش›› ئىستراتېگىيىسى ۋە ‹‹بىر مەركەز (خەلقئارا ساياھەت، سودا مەركىزى)››، ‹‹ئىككى بازا(شەرق بىلەن ھەمكارلىشىپ غەربكە چىقىرىشتىكى تاۋار پىششىقلاش بازىسى، غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرققە سېتىشتىكى تاۋار يىغىش، تارقىتىش بازىسى)›› قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى نىشان قىلىپ، چېگرا پورتلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، قەشقەر سودا يەرمەنكىسىگە ئوخشاش چوڭ تىپتىكى ھەمكارلىق يىغىلىشلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ۋىلايىتىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىشلىرىدا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەرمەنكىنى قەشقەرنىڭ شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىمىز.
|