|
دەريا – ئېقىنلار بىرقەدەر كۆپ مەركەزلەشكەن ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بۇ يىلقى كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش قۇرۇلۇشىغا 47 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلدى. بۇنىڭ 38 مىليونى يېڭىدىن .35 6 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا مەڭگۈلۈك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش دامبىسى ياساش بىلەن ئاز كەم 100 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ۋاقىتلىق دامبىنى رېمونت قىلىش، مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلدى. قالغان 9 مىليون يۈەن مەبلەغ كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ماددىي ئەشيالىرىنى تەييارلاشقا ئىشلىتىلدى.
ئاقسۇ ۋىلايىتىدە چوڭ – كىچىك 16 دەريا، ئېقىن بولۇپ، كەلكۈننىڭ تەھدىتىگە ئۇچرايدىغان ئېقىن مۇساپىسى 1300 كىلومېتىردىن، نۇقتىلىق كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈلىدىغان خەتەرلىك بۆلەك 120 دىن ئاشىدۇ. شۇڭا بۇ ۋىلايەتتىكىلەر ‹‹كەلكۈن كەلگىچە توغان سال›› دېگەن تەلەپ بۇيىچە، كەلكۈن مۇداپىئەسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقلىرىنى بالدۇر، پۇختا ئىشلىدى. بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق دەريا – ئېقىنلارنىڭ خەتەرلىك بۆلەكلىرىنى چارلاش، نازارەت قىلىش، سۇ رايى ئەھۋالىنى 24 سائەت كۆزىتىپ يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردى. ۋەزىپە، مەسئۇلىيەتنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن، شەخسىلەرگىچە كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈردى. مەخسۇس بۇيۇم سېتىۋېلىشقا مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقاندىن باشقا، ئاممىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ نۇرغۇن توپا – تاش، ياغاچ، شاخ – شۇمبىلارنى ئالدىن زاپاس تەييارلاپ قويدى. ھازىر ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش – ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى داۋاملىق جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.
|