|
مۇخبىرنىڭ 25 – ئىيۇن تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىدىن ئىگىلىشىچە، تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى ئىشلىگەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بېغىشلانغان فىلىمى – ‹‹مۇھەممەدنىڭ 2008 – يىلى›› 5 – ئىيۇندىن 8 – ئىيۇنغىچە ۋيېتنامنىڭ خانوي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2008 – يىللىق ۋيېتنام خانوي خەلقئارا تەنتەربىيە فىلىملىرى فېستىۋالىدا 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى فېستىۋالغا جۇڭگو، ۋيېتنام، ئىران قاتارلىق 20 دۆلەتنىڭ 66 فىلىمى قاتناشتۇرۇلغان. فىلىملەر تەنتەربىيە ھۆججەتلىك فىلىمى، تەنتەربىيە كارتون فىلىمى، تەنتەربىيە ھېكايە فىلىمى قاتارلىق ئالتە تۈر بويىچە باھالاپ چىقىلىپ، ئۈچ دەرىجە بويىچە مۇكاپاتلانغان. دۆلەت رادىئو – تېلېۋىزىيە – كىنو باش ئىدارىسى قاتناشتۇرغان ‹‹مۇھەممەدنىڭ 2008 – يىلى›› فىلىمى تەنتەربىيە ھېكايە فىلىمى بويىچە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئېلىمىزنىڭ يەنە بىر نەچچە فىلىمى ھەر خىل تۈرلەر بويىچە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. مۇكاپات پۇلى سىچۇەندىكى ئاپەت رايونىغا ئىئانە قىلىنغان.
|