باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئۇچۇرلاشتۇرۇش شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىغا قانات ئاتا قىلدى
2008- 07- 08 10:56 شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا (22)

   26 – ئىيۇن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ‹‹غالىبىيەت›› كۆمۈر كېنىدا كامېراغا ئوخشايدىغان نۇرغۇن نەرسىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى بايقىدىم. كان ئىشچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئادەتتىكى كامېرا بولماستىن، بىر خىل ‹‹ئېلېكترونلۇق كۆز›› بولۇپ، مەخسۇس كان قۇدۇقى ئاستىدىكى كۆمۈر گازىنىڭ قويۇقلۇقى، كاربون چالا ئوكسىدى ۋە شامال ئۆتۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىكەن، بۇ ئۈسكۈنە بولغاچقا، كان ئىشچىلىرىمۇ خاتىرجەم ئىشلەيدىغان بوپتۇ.

   2006 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىنى  نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە كۆمۈر گازىنى تەكشۈرۈش تۈرىنى يولغا قويغانىدى، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سانجى، ئاقسۇ، قۇمۇل قاتارلىق ئاساسلىق كۆمۈر ئىشلەپ چىقىرىدىغان جايلاردىكى كۆپ قىسىم كۆمۈر كانلاردا بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش سىستېمىسى ئورنىتىلدى.

   يېقىندىن بۇيان ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقە ساھەسىدە زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدىكى نېفىت، نېفىت خىمىيە، بىناكارلىق، قاتناش – ترانسپورت، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەردە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدىم.

 ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا يېڭى بۇرچ يۈكلەندى

   يېڭى ئەسىردە ئالاقىچىلىكنىڭ سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشى  يېڭى باسقۇچقا كىردى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مىسلىسىز يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، ‹‹ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق سانائەتلىشىشنى يېتەكلەش، ئۇچۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى سەرخىللاشتۇرۇش›› ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى. 2007 – يىلى ‹‹ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن سانائەتلىشىشنىڭ بىرلىشىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش›› پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا يېڭى بۇرچ يۈكلەندى.

   يېڭى ۋەزىيەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قانچە تېلېگراف كارخانىسى تۈرلۈك كارخانىلارغا قارىتىلغان مەخسۇس مۇلازىمەتنى قانات يايدۇردى، جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شۆبىسى ئالاقىچىلىكتىكى ئاساسىي قوشۇندىن ئۇچۇرلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي قوشۇنغا ئۆزگىرىش نىشانىغا يېتىپ، يېڭى بازارلارنى نۇقتىلىق ئېچىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

   شىنجاڭنىڭ ‹‹شەرقىي قوۋۇقى››غا جايلاشقان يېزا ئىگىلىك 13 – شىسى قارىمىقىدىكى 11دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن – مەيدانىنىڭ كۆپ قىسمى چەت، يىراق جايلار بولۇپ، ئۇ يەرلەردە تېلېۋىزور كۆرۈشمۇ قىيىن ئىدى، سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇش تېخىمۇ مۈشكۈل ئىدى. 2005 – يىلى يېزا ئىگىلىك 13 – شى جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇنىۋېرسال كەسىپ تورىنى ئاچتى. 2006 – يىلى قۇمۇل قىزىل تاغ خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى تېلېگراف شىركىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال كەسىپ تورىدىن پايدىلىنىپ كوزىر مەھسۇلاتى  سېرىق ئىشقارنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، يېڭى زېلاندىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن ناھايىتى تېزلا زاكالەت كەلدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇشۇ تۈردىلا يېزا ئىگىلىك 13 – شىسى بويىچە تۇنجى تاشقى سودىنى روياپقا چىقىرىپ، 500 مىڭ دوللارلىق  تاشقى پېرېۋوت ياراتتى.

نېفىتلىكنىڭ رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى

   كىشىلەر شىنجاڭدىكى نېفىتلىكلەرنىڭ يول بويلىرىدا كۆزەتكۈچىسىز ‹‹كاچالكا›› لارنى دائىم ئۇچرىتالايدۇ، بۇ نېفىت ئېلىش ئۈسكۈنىسىگە ئەمەلىيەتتە ئىلغار ئاپتوماتىك كۆزىتىش سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، خىزمەتچىلەر بۇ سىستېمىدىن پايدىلىنىپ، نەچچە 10 كىلومېتىر يىراقتىكى ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپلا ھەر بىر نېفىت قۇدۇقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى كۆرەلەيدۇ. 2004 – يىلى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى ‹‹شىنجاڭ نېفىتلىكىنى رەقەملەشتۈرۈش›› قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. شىركەت ئالدىنقى مەزگىلدە ئورنىتىلغان رەقەملىك باشقۇرۇشتىن پايدىلىنىپ 50 نەچچە ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان سىستېمىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، بۇ سىستېمىنى نېفىتلىكنى قىدىرىپ ئېچىش ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇشنىڭ ھەر قايسى كەسىپ ۋە تارماقلىرىدا قوللانغىلى بولىدۇ. ھازىر، شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى. شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى نېفىتلىكنى قىدىرىپ ئېچىش، يەر ئۈستى قۇرۇلۇشى، نېفىت، گاز زاپاسلاش، ترانسپورت، ئىگىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىپ، جۇڭگو نېفىت پاي شىركىتى ۋە مەملىكەتتىكى غالىبىيەت، لياۋخې، چاڭچىڭ قاتارلىق 13 نېفىتلىك بىلەن قىدىرىپ ئېچىش ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئۇچۇر بايلىقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.
شىنجاڭ  دۆلەت تۇنجى تۈركۈمدە ياسىمىچىلىقنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈلگەن ئاپتونوم رايون بولۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ كېڭەيتىلىشى، قوللىنىلىشى زور بىر تۈركۈم شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە شاھىت بولدى، ئالاھىدە ترانسفورماتور، ‹‹جىنفېڭ›› پەن – تېخنىكىسى، ‹‹ماركور ئۆي سايمانلىرى›› قاتارلىق مەملىكەت بويىچە داڭلىق كارخانىلارنىڭ ھەممىسى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن كۆپ نەپكە ئېرىشتى.

ئالاقىچىلىك تۆمۈر يول لىنىيىسىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز تۆمۈر يولدا كۆپ قېتىم سۈرئەت تېزلەتتى، ھەر قېتىملىق سۈرئەت تېزلىتىشتە ئالاقىچىلىكنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش رولىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى. بىر قانچە يىلدىن بۇيان، تۆمۈر يول ئالاقىچىلىكى شىنجاڭ شىركىتى نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ، تۆمۈر يول مەخسۇس ئالاقىچىلىكىنىڭ رەقەملەشتۈرۈش، ئۇنىۋېرساللاشتۇرۇش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، تۆمۈر يول ترانسپورتىغا قوماندانلىق قىلىش ۋاسىتىسىنى يېپيېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا ئېلىپ كىردى.

   بۇ يىل مەركەزنىڭ كۈچلۈك قوللىشى نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى يېڭى يۇقىرى دولقۇننى كۈتۈۋېلىپ، نۇرغۇن تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدا بىرلا ۋاقىتتا ئىش باشلاندى. قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۆمۈر يول ئالاقىچىلىكى شىنجاڭ شىركىتى ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىدە ئېكرانلىق ئالاقە سىستېمىسىنى يولغا قويۇپ، تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىشقا كۈچلۈك تىرەك بولدى.

   ھازىر ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن سانائەتلىشىشنىڭ بىرلىشىشى دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى بولۇپ قالدى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىدا جەزمەن تېخىمۇ رەڭدارلىشىدۇ.               

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ