باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ھىندسىتان روسىيىدىن يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ئىجارىگە ئالماقچى
2008- 07- 08 10:55 شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى

      ھىندىستان كېلەر يىلى روسىيىنىڭ يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئون يىللىق ئىجارىگە ئالىدىكەن . بۇ سۇ ئاستى پاراخوتى دوكتا سىناق قىلىنىۋېتىپتۇ .

    ‹‹ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى››نىڭ 4 – ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە ، 2004 – يىلى يانۋار ھىندىستان روسىيە بىلەن مەخپىي توختام تۈرۈشكەن ، ھىندىستان بۇ سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ بىر قىسىم چىقىمىنى ئۈستىگە ئالغانىكەن .

     ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى : بۇ سۇ ئاستى پاراخوتى ھازىر روسىيىنىڭ دوكىدا سىناق قىلىنىۋاتىدۇ ، كېيىن يەنە دېڭىزدا سىناق قىلىنىدۇ .

     مۆلچەرلىنىشچە ، بۇ سۇ ئاستى پاراخوتى 2009 – يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىگە تەۋە بولىدىكەن . ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرى ئىككى – ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدىلا روسىيىگە بېرىپ ، يېڭى سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ