|
كۇۋەيت ئاخبارات ۋاستىلىرى يېقىندا مۇنداق دېدى : كۇۋەيت دۆلەت نېفىت شىركىتىنىڭ پەرەز قىلىشىچە ، كۇۋەيتنىڭ نېفىت زاپىسىنى يەنە 115 يىل قازغىلى بولىدىكەن .
بۇ شىركەت ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن : كۇۋەيتنىڭ نېفىت زاپىسى 101 مىليارد 500 مىليون تۇڭا يېتىدۇ . 2007 – يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 2 مىليون 415 مىڭ تۇڭدىن قېزىلغان ، شۇ بويىچە ھېسابلىغاندا كۇۋەيتنىڭ نېفىت زاپىسىنى 115 يىل قازغىلى بولىدۇ .
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن : نېفىت قېزىش ۋە چارلاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن كۇۋەيت يەنە يېڭى نېفىتلىك بايقىشى مۇمكىن . بۇنىڭ بىلەن كۇۋەيتتىن نېفىت قېزىپ چىققىلى بولىدىغان ۋاقىت يەنە ئۇزىرايدۇ .
كۇۋەيت نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىچىدە 4 – ئورۇندا تۇرىدۇ ، ھازىر بايقالغان نېفىت زاپىسى دۇنيا نېفىت زاپىسىنىڭ %10 ىنى ئىگەللەيدۇ .
|