|
ئىلى دەرياسىنى ئېچىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ئىلى ئوبلاستلىق سۇچىلىق ئىدارىسى بۇ يىل تېكەس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا 1 مىليون 100 مىڭ كورىگونچ بېلىجىنى ۋە 100 مىڭ سىپورنېست بېلىجىنى قويۇپ بەردى.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدا، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بېلىقچىلىق ئالىملىرى بالقاش كۆلىگە گېرمانىيىنىڭ سىپورنېست بېلىقىنى كىرگۈزگەنىدى. بۇ بېلىقلار كىيىنچە ئېلى دەرياسىغا كىرىپ بارا – بارا توپ ھاسىل قىلىپ، ئېلى دەرياسىدىكى ئاساسلىق بېلىق تۈرلىرىگە ئايلانغانىدى. ئەمما ئېلى دەرياسى ئېقىنىنىڭ ئۆزگىرىشى، كىشىلەرنىڭ قالايمىقان بېلىق تۇتۇشى بىلەن ئىلى دەرياسىدىكى بۇ خىل بېلىق يىلسېرى ئازىيىپ كەتكەنىدى. بۇ بېلىق توپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىلى دەرياسىنى ئېچىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇلتۇر يىل بېشىدا خېيلۇڭجاڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى تەتقىقات ئورنىدىن گېرمانىيە سىپورنېست بېلىجىنى كىرگۈزۈپ بېقىپ، 600 مىڭ بېلىجان يېتىشتۈرگەنىدى. يېقىندا، ئۇلار بۇ بېلىجانلاردىن 100 مىڭنى ئىلى دەرياسىغا قويۇپ بەردى.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدىن بۇيان، ئىلى ئوبلاستىدىكى سۇچىلىق تارماقلىرى ياۋروپا ۋە ئاسىيا ئەللىرىدىن زور مىقداردا بېلىق تۈرلىرىنى كىرگۈزۈپ، ھازىرغىچە ھەر خىل بېلىقلارنىڭ بېلىجىنىدىن 50 مىليوننى ئىلى دەرياسىغا قويۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ ئىلى دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيىسىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلى دەرياسىدىكى بېلىق تۈرلىرىنى ئەسلىدىكى 30 خىلدىن 40 نەچچە خىلغا كۆپەيتتى.
|